باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
ئالمىنىڭ قۇرغۇچىسى چوڭ ئېكرانلىق iPhone نى ماختىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-23 18:59:43

 

 

 

گەرچە ئالما شىركىتىنىڭ ھەمكارلىشىپ قۇرغۇچىسى بولسىمۇ، ئەمما ۋوزنىياك ئۆزىنىڭ ئالمىدىن رازى بولمىغان ۋاقتى يوق ئەمەس، ئۇ كۆپ قېتىم ئاشكارا سورۇندا ئالمىنىڭ رىقابەتچىسى گۇگېلنى ماختىغان، ۋوزنىياك ھەتتا نۇرغۇنلىغان Android سېستىمىسىدىكى يانفونلارنى ئىشلەتكەن.

بىراق iPhone 6 بازارغا چىققاندىن كېيىن، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۆزگەردى. چەتئەل تاراتقۇلىرى iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus بازارغا سېلىنغان شۇ كۈنى ۋوزنىياكنى زىيارەت قىلدى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا « iPhone 6 ناھايىتى قالتىسكەن، Android نى تاشلىۋەتسەم بولغىدەك» دىگەن.

ۋوزنىياك زىيارەت قوبۇل قىلغاندا، ئىلگىرى ئۆزىنىڭ Android يانفوننى ياقتۇرىشىدىكى مۇھىم سەۋەبنىڭ چوڭ ئېكران ئىكەنلىكى، بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭمۇ چوڭ ئېكرانلىق يانفونى بولغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن ئۆزىنىڭ يەنە Android يانفونى ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئالمىنىڭ بۇ ھەمكارلىشىپ قۇرغۇچىسى يەنە ئالما پات ئارىدا بازارغا چىقىرىدىغان Apple Pay پۇل تۆلەش مۇلازىمىتىنىڭ iPhone ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ تەسىر ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئۇنىڭ ھەتتا iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus نىڭ سېتىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى، گەرچە ۋوزنىياكنىڭ ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا ئالمىنى تەنقىد قىلىشى ماختىشىدىن كۆپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھەمىشە بىرىنچى ۋاقىتتا ئالمىنىڭ چىقارغان يېڭى نۇسخىدىكى iPhone نى ئۆچىرەتتە تۇرۇپ سېتىۋالغان.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق