باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
سىزمۇ ئانىڭىزغا بىر-بىرىدىن چىرايلىق ۋەدىلەرنى بېرىپ باققانمۇ؟
مەنبەسى: |تەھرىر: | يوللانغان ۋاقىت:2018-06-25 10:04:01

 

بىر كۈنى ئاپام تېلېۋىزوردىكى ئايروپىلاننى كۆرسىتىپ: «سەن كىچىكىڭدە چوڭ بولسام ساڭا بىر ئايروپىلان ئېلىپ بېرىمەن، قانداق ئۇچقۇڭ كەلسە شۇنداق ئۇچالايسەن» دەيتتىڭ دېدى.

مەن ئاپامنىڭ شۇنداق ئۇزاق ۋاقىت بولغان ئىشلارنى ئېسىدە تۇتىۋالالىغىنىدىن ھەيران قالدىم، بىراق ئاپام خۇددى يادىلىۋالغاندەك كىچىك چاغدا بەرگەن ۋەدەمدىن نەچچىنى دەۋەتتى.

سەككىز ياش ۋاقتىمدا يان قوشنىمىز شياۋياڭنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى مېنىڭكىدىن يۇقىرى بولغاچقا، ئاپام ماڭا ئاچچىقلىناتتى، مەن ئۇنىڭغا كەتكۈزۈپ قويغانلىقىمغا تەن بەرمەي، بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم بىرىنچى بولۇپ، باشقىلار ئالدىدا سېنى بېشىڭنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان قىلىمەن، دەپ قەسەم قىلدىم.

18 ياش چېغىمدا جەنۇبىي جۇڭگودىكى بىر ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ ئوقۇشقا ماڭىدىغان چېغىمدا ئاپام «ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن سەن چوقۇم ياخشى ئوقۇشۇڭ كېرەك، ئوقۇشقا ئۆتۈپلا مۇھەببەتلىشىپ، ئوقۇشۇڭغا دەخلى قىلساڭ بولمايدۇ…»دەپ تاپىلىغاندا، مەن مەيدەمگە ئۇرۇپ تۇرۇپ، ناھايىتى كەسكىنلىك بىلەن «خاتىرجەم بول، مەن ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلىدە مۇھەببەتلەشمەيمەن» دېگەن ئىدىم.

ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ شۇ شەھەردە قالدىم. ئۇ جاي يۇرتۇمغا ناھايىتى يىراق بولغاچقا، ئۆيگە قايتىپ ئاپامنى يوقلاش ۋاقتىم ناھايىتى ئاز بولدى. ئاپام ھەر ھەپتىسى تېلېفون ئۇرۇشنى زادىلا ئۇنتۇمايتتى، خۇددى مەن ئۆزۈمگە ياخشى قارىيالمىغاندەك خىزمەت ئەھۋالىمنى، سالامەتلىكىمنى قايتا قايتا سورايتتى، مەن «ئاپا، تەتىل قىلغان ھامان چوقۇم سېنى يوقلاپ بارىمەن» دەپ ۋەدە بېرەتتىم.

مەن يەنە يېقىندا ئاپامغا بەرگەن ۋەدەمنى ئەسلەپ قالدىم… «ئاپا، ۋاقتىم چىقسا سېنى ساياھەتكە ئاپىرىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرىنى كۆرسىتىپ كېلىمەن، شۇڭا سەن ئۆزۈڭنى ياخشى ئاسرىشىڭ كېرەك»دېگەن ئىدىم.

يېرىم ئاي بۇرۇن مەن ئاپامغا «توردىن بىر كىيىمنى كۆرۈپ قويدۇم، ساڭا تولىمۇ ماس كېلىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە پوچتىدىن ئەۋەتىپ بېرىمەن، ساقلاپ تۇرغىن-ھە» دېدىم.

بۇ گەپلەر نېمىدېگەن چىرايلىق-ھە! بىراق بىر قېتىممۇ ئوقۇش نەتىجەم بىرىنچى بولۇپ باقمىدى، ئالىي مەكتەپتە مۇھەببەت قاينىمىغا سەكرىدىم، تەتىلدە بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئاپامنى يوقلىمىدىم، ئاپام ھەر كۈنى تاماقتىن كېيىن پىيادە سەيلە قىلىپ چېنىققان بولسىمۇ، ئۇنى ساياھەت قىلدۇرۇپ كېلىشنى ئويلاپمۇ قويمىدىم، ئاپامنىڭ قانچىنچى نومۇرلۇق كىيىم كىيىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە، توردا كۆرگەن كىيىمنىمۇ ھازىرغىچە ئالالمىدىم…

ھەربىر ۋەدەمدە ئانامغا بىر ئۈمىد ئاتا قىلدىم، بىراق مېنىڭ شۇ رەھىمسىزلىكىم ئانامنىڭ ئۈمىدىنى خۇددى ئاجىز گۈلگە ئوخشىتىپ ھالىدىن كەتكۈزگەنلىكىنى ئازراقمۇ سەزمەپتىمەن.

نېمىدېگەن ھاماقەتمەن-ھە! ئەمدى بۇ ۋەدىلىرىمنى ئەمەلىيلەشتۈرەي دېسەممۇ مەڭگۈ كېچىكتىم.

«ھاياتلىق» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق