باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
ئەمگىكىڭنىڭ قەدرىنى بىل
مەنبەسى: |تەھرىر: | يوللانغان ۋاقىت:2018-06-25 10:15:38

بۇرۇنقى زاماندا بىر دېھقان ئۆتكەن ئىكەن، ئۇ يازدا تېرىقچىلىق قىلىپ تاپقان ئاشلىقى بىلەن قىشنى ئۆتكۈزىدىكەن، ئۇ بىر قىشتا بىر ئۆينىڭ ھاۋاسىنى تەڭشەپ چىلگە تېرىپتۇ، ئۇ چىلگىنى پادىشاھمۇ يېسۇن دەپ پادىشاھقا سوۋغا قىپتۇ پادىشاھ چىلگىنى كۆرۈپ دېھقانغا:

- قىشتا چىلگە تېرىش ئۇسۇلىنى سەن قانداق ئويلاپ تاپتىڭ؟ دەپتۇ، دېھقان ئۇسۇلىنى بىر- بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ پادىشاھ:

- بارىكاللا دەپتۇ، چىلگىنىڭ بېشىنى پادىشاھ يىسۇن ئەكىردىڭمۇ دەپتۇ.

-ھەئە ، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ، دىھقان. پادىشاھ دېھقاننىڭ ئەكەلگەن چىلگىسىگە ئۈچ «بارىكاللا» ئېيتىپ يولغا سېلىپتۇ.

دېھقان بىر ئاشخانىغا كىرىپ 10 مانتا بۇيرۇتۇپ، مانتىنى يەپ بولۇپ:

-ئاشپەز ئۇستام مۇشۇ مانتا قاسقاندا پىشتىمۇ؟ دەپتۇ.

-ھەئە، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

-بارىكاللا، دەپتۇ دېھقان. يەنە:

-مۇشۇ مانتىنى ئۆزلىرى ئەتتىلىمۇ دەپتۇ.

-ھەئە، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئاشپەز. دېھقان:

-ھە، بەك ئوخشاپتۇ، بارىكاللا دەپ ئاشخانىدىن چىقىپ كېتىپتۇ، بۇنى كۆرگەن ئاشپەزنىڭ ئاچچىقى كېلىپ: 

-سېنىۇ قۇرۇق«بارىكاللا»ڭنىڭ نېمە كېرىكى؟ ئۇنىڭغا 10 مانتا كەلمەيدۇ دەپ دېھقاننىڭ ياقىسىدىن سۆرەپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپتۇ، ئاشپەز بولغان ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. دېھقان:

-سىلە باياتىن مېنىڭ چىلگەمنى ئۈچ بارىكالا بىلەن ئالغان ئىدىلە، مەنمۇ ئۈچ بارىكالللا بىلەن 10 مانتىنىڭ پۇلى تۆلىمىدىم دەپتۇ.

پادىشاھ ناھايىتى خىجىل بولۇپ، ئۇنىڭ پۇلىنى تۆلەپ ، دېھقانغا ئايرىم ئىنئام بېرىپتۇ.

ھېكىمەت:

سەن بىر ئۆمۈر ئەجىر سىڭدۈرگەن ئەمگىكىڭدىن راھەت كۆرمىسەڭ، ئۇ ھېچنېمىگە تەڭ ئەمەس، ئارىمىزدا شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلار تىرىشىپ ئەمگەك قىلىدۇ، لېكىن ئەمگىكىنىڭ قەدرىنى باشقىلارنىڭ باھاسىغا ئاساسەن ئۆلچەيدۇ. سەن ئەمگىكىڭگە ئالدى بىلەن ئۆزۈڭگە باھا بەر، ئۆزۈڭگە ئەرزىسە باشقىلارغىمۇ ئەرزىيدۇ، ھېكايىدىكى دېھقان ئۆز ئەمگىكىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن بەدەلسىز ئىگىلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن قايغۇرماستىن، ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ سىلىق يولى ئارقىلىق تېگىشلىك ھەققە ئېرىشتى، ئەگەر ئۇ بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانماستىن، پادىشاھقا بىۋاسىتە ھەق بېرىشنى ئېيتقان بولسا، ئوخشىمىغان ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشى مۇقەررەر ئىدى.

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق