باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
بىر ئادەم بىر سىر
مەنبەسى: |تەھرىر: | يوللانغان ۋاقىت:2018-06-25 10:18:10

بىر ئادەم بىر سىر

(نەسىر)

تاگور

بىر ئادەم بىر سىر، ئادەمنى بىلگىلى بولمايدۇ.

ئادەم ئۆزىنىڭ سىرى تىلسىمات ئېقىنىدا تارتىشىپ ئاقىدۇ، ھەمراھى بولمايدۇ.

ئائىلە تامغىسى بېسىلغان رامكا ئىچىدە، مەن ئادەمنىڭ چېكىنى سىزدىم.

ئېنىقلىما تاملىرى ئىچىدىكى تۇرالغۇدا، مائاشى مۇقىم خىزمەت قىلىمەن، چېكەمگە «ئاددىي» دېگەن خەت يېزىلغان.

قاياقتىنلىقى نامەلۇم، مۇھەببەت شامىلى ئۇچۇپ كەلدى، چەكنىڭ قاشالىرى ئۇچۇپ كەتتى. «مەڭگۈلۈك بىلەلمەسلىك» يېتىپ كەلدى.

مەن ئۇنىڭ پەۋقۇلئاددە، سىرلىق، خاسىيەتلىك، تەڭداشسىزلىقىنى بايقىدىم.

ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن پەرەز تاختىسىدىن كۆۋرۈك سېلىشقا، گۈل سۆزلىرى بىلەن قارشى ئېلىش نۇتىقى تۈزۈشكە توغرا كەلدى.

كۆزۈم:«مەن كۆرگەن نەرسىلەردىن ئېشىپ كەتتىڭ» دېدى.

قەلبىم:«كۆرۈش، ئاڭلاش تۇيغىلىرىنىڭ ساھىلى سىرلارغا تولغان، مەن شۇ ساھىلدىن كەلگەن ئەلچى، خۇددى تۈن نىسپىدەك، زېمىننىڭ ئالدىدا زاھىر بولغان چولپان يۇلتۇزىدەك» دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، مەن ئىچىمدىكى «بىلمەسلىك»نى بىردىنلا كۆرۈۋالدىم، مەن تاپالمىغان تۇيغۇلار ھەر ۋاقىت يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق