باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن
مەنبەسى: |تەھرىر: | يوللانغان ۋاقىت:2018-06-25 10:22:49

ئۆتكۈر ھاشىموف(ئۆزبېكىستان)

 

تۈنۈگۈنلا يېزىلاردا كەتمەن چېپىپ دۈمبىسىگە توپا قوندۇرۇپ، بىر ئىككى بولمىغان دېھقان بۈگۈن يەر ئېلىپ، بالا-چاقىلىرى بىلەن گۈللەپ - ياشنىسا، كۆكسىنى كېرىپ يۈرسە سۆيىنىمەن.

تېخى تۈنۈگۈنلا زاۋۇتتىن ئالغان مائاشىنى قايسى بىرىگە يەتكۈزۈشىنى بىلمەي رەڭگىنى سارغايتىپ يۈرگەن ئىنژېنېر بۈگۈن قوشما كارخانا ئېچىپ، سېسىپ-چىرىپ ياتقان مېۋىلەردىن شەربەت ئېلىپ بېيىپ كەتسە شادلىنىمەن.

تۈنۈگۈن كاتەكتەك ئۆيىگە تىقىلىپ-سوقۇنۇپ،«كونىلىق سارقىتى»--بۆشۈك ۋە ساندۇق ياسىغانلىقى ئۈچۈن باجگىردىن بالاغا قېلىپ يۈرگەن ھۈنەرۋەن بۈگۈن چوڭ كارخانا ئېچىپ راھىتىنى كۆرسە، يەنە بىر قېتىم خۇشال بولىمەن.

تۈنۈگۈن ئېلىپنى تاياق دېيەلمەي ئوقۇتقۇچىسىدىن دەككىسىنى يېگەن بالا بۈگۈن سودىگەر بولۇپ، ئايروپىلان سېتىۋالسا ھەيران بولمايمەن.

تۈنۈگۈن بۈيۈك ئىختىرالار قىلغان ئالىمنىڭ تالانتلىق شاگىرتى بۈگۈن ئىلىمنى تاشلاپ كارخانىچىغا ئايلانسا، سومكىسىغا «توختامنامە» يەرنى سېلىپ، ئۇيان - بۇيان چېپىپ يۈرسە، ھەيران قالمايمەن.

ئەمما، تۈنۈگۈن ئېلىپنى تاياق دىيەلمىگەن نادان بۈگۈن مىڭلىغان كىشىگە باش بولسا، ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭغا دەشنەم بەرگەن ئوقۇتقۇچىسى چاي توشۇپ يۈرسە، بۇنىڭغا ھەيران بولماي ئىلاجىم يوق!

ئاشۇ ئوقۇتقۇچى ئەتىسىگە مەكتەپنى تاشلاپ سىگارت ساتسا، ھەيران بولماي ئىلاجىم يوق!

تۈنۈگۈن بۈيۈك كەشپىياتلار ياراتقان ئالىم، بۈگۈن ئەڭ ياخشى شاگىرتلىرىدىن ئايرىلغانلىقى ئۈچۈن مەيۈسلىنىپ بېكەتتە تۇرسا، ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىسى پىكاپتا لاي چاچرىتىپ ئۆتسە، بۇنىڭغا ياقام تۇتماي ئامالىم يوق!

ئالىم شۇ ئەھۋالدا ئاپتۇۋۇزغا چىقىشتىن قىسىنىپ، ئۆيىگە پىيادە قايتسا، ھەيران بولماي ئىلاجىم يوق!

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق