باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
ھېلىمۇ كېچىكمىدىڭىز، بۇ بەش قارار ھەر ۋاقىت تۇرمۇشىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيدۇ
مەنبەسى: |تەھرىر: | يوللانغان ۋاقىت:2018-06-25 10:24:35

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھەش-پەش دېگۈچە، 2018-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىغىمۇ كېلىپ قاپتۇق، ۋاقىت نېمىدىگەن تېز ئۆتكەن ھە. بەلكىم 2017-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى بىز كۆڭلىمىزگە ئاجايىپ كاتتا پىلانلارنى تۈزۈپ، 2018-يىلى «ماۋۇ، ئاۋۇ ئىشلارنى قىلىمەن» دەپ ئويلىغان بولۇشىمىزمۇ مۇمكىن. بىراق ھازىر ئويلاپ باقساق، يېڭى يىلدىكى قارارلىرىمىز ئاساسەن دېگۈدەك «ئوتتەك قىزىپ، سۇدەك سوۋۇيدىغان»دەكلا بىر ئىش، ھازىر قايسىمىز شۇ ۋاقىتتىكى «غايىلىرىمىز»نى تا ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرالىدۇق، بۇنىسى پەقەت ئۆزىمىزگىلا ئايان. بىراق، بۇ قارارلار ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى كىشىلىك ھاياتىمىز توختىماسىتن ئۆسۈپ-يېتىلىشكە موھتاج. 

ھەربىر ئادەمنىڭ نىشانى، ئارزۇ-ئارمىنى ئوخشىمايدۇ. شۇنداقلا بەختمۇ ھەربىر كىشىگە نىسبەتەن ئوخشىمايدىغان ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز ھەممىمىز ئەركىن، بەختلىك شۇنداقلا غايىلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىش بىلەن بىرگە يەنە ھەر كۈنى كۆزىمىزنى ئاچقاندىن كېيىن، بىزگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم بولغان ئىشلارنى ۋە بەختكە چۆمدۈرىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا، ھازىرقى ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تۆۋەندىكى تەپسىلاتلارنى ئوقۇپ چىقىڭ، بەلكىم ئازىراق بولسىمۇ ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

1. قىممىتىڭىزنى جارى قىلدۇرىدىغان خىزمەتنى تېپىڭ ياكى ئۆز ئالدىڭىزغا ئىگىلىك تىكلەڭ.

ھەر ھەپتىدىكى 40 سائەتتىن ئارتۇق خىزمەت ۋاقتى. ئەگەر قىلىۋاتقان ئىشىڭىز ئىقتىدارىڭىزنى جارى قىلدۇرالمايدىغان ھەتتا سىز بىزار بولىدىغان خىزمەت بولسا، ئۇنداقتا، بۇ ۋاقىتقا ھەقىقەتەنمۇ چىدىغىلى بولمايدۇ. خىزمەتتىكى پاسسىپ كەيپىيات تۇرمۇشىڭىزنىڭ باشقا تەرەپلىرىگىمۇ تەسىر كۆرىسىتدۇ. ئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتقان سىز بىلەن مېنىڭ ئەتراپىمدا ھەمىشە زور مىقداردىكى بىلىم ۋە پۇرسەت ئېلىپ كېلىدىغان ئامىللار يوشۇرۇنغان. سىز ئىنتېرنېت ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەتكە ئېرشسىڭىز ياكى بولمىسا ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ئىگىلىكنى تىكلىسىڭىز تامامەن بولىدۇ. بىز بۈگۈنكى بارلىق مۇمكىن بولىدىغان بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ، مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدىغان خىزمەتنى قىلىشىمىز شۇ ئارقىلىق كىشىلىك ھايات نىشانىمىزنى تېپىشىمىز كېرەك. 

2. ھاردۇرىدىغان مۇھەببەتنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئۆزىڭىزگە تېخىمۇ ماس كېلىدىغان بىرسىنى تېپىڭ.

خىزمەتكە ئوخشاشلا، مۇھەببىتىمىزمۇ تۇرمۇشنىڭ سۈپىتىگە زور تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇلار بولغاچقىلا بىز خۇشال بولىمىز ياكى ئازابلىنىمىز، چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇھەببەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىراق سۆيگۈدە ئەقلىي بىلىش كەمچىل بولغاچقا، مۇھەببەتلىشىشتىن ئىبارەت بۇ ئىش بەزىدە بىزنى تولىمۇ ئامالسىز قالدۇرىدۇ. ئۇ بەزىدە نوقۇل ھالدا رومانتىكقىلا مۇناسىۋەتلىك بولمايدۇ. ئەگەر بىر قېتىملىق مۇھەببەت سىزنى ئازابلاندۇرسا، ئۇنداقتا بەختتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ ۋاقىتتا قەتئىيلىك بىلەن بىر قارارغا كېلىپ، تۇرمۇشتىكى بارلىق پاسسىپ نەرسىلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلىشىمىز كېرەك. ئەگەر مۇھەببىتىڭىز مۇقىم بولسا، ئۇنداقتا بۇنى ياخشى يۈرگۈزۈشكە بەل باغلاپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۆسۈپ-يېتىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇڭ.

3. «راھەت رايون»دىن چىقىپ كېتىڭ.

بىزگە نىسبەتەن ئەسلىدىنلا قورقۇنچ پەيدا قىلىدىغان ياكى ئادىتىمىزگە ئايلانمىغان ئىشلارنى قىلىش ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئەمەس. ئۆسۈپ-يېتىلىش داۋامىمىزدا، بىزنىڭ تەربىيەلىنىشىمىز ھەمشىە قائىدە بويىچە بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقىمىكىن، بىز ئىزچىل راھەت رايوندا ياشاۋېرىپ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى ئۆتكۈزۈۋېتىمىزدە، ئۆسۈپ-يېتىلىشتىن ئىبارەت ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىمىز. يېڭى شەيئىلەردىن ئالغا ئىنتىلىش تەرىپىمىزنى تېپىش بۇ دەل ئۆسۈپ-يېتىلىش يولىمىزدا بېسىپ ئۆتۈشىمىزگە تېگىشلىك جەرياندۇر. ھەركۈنى ئادەتلىنىپ كەتكەن راھەت رايوندىن چىقىپ، بەختلىك تۇرمۇشقا قەدەم ئالىدىغان يولنى بېسىپ بېقىڭ.

4. ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن ۋاز كەچمەڭ. 

ئەگەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەي ۋە ياكى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەي دېسىڭىز، ئۇنداقتا، ساغلاملىقنىڭ مۇھىملىقىقا گەپ كەتمەيدۇ. ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تاللىغاندا، ھاياتىي كۈچىڭىز تولۇپ تېشىپ، زېھىنىي قۇۋۋىتىڭىزمۇ تۇرمۇشىڭىزنى يېپيېڭى ھالەتتە ئۆزگەرتەلەيدۇ. يەۋاتقان يېمەكلىكىڭىز كەيپىياتىڭىزغا شۇنداقلا بۇ دۇنياغا بولغان پوزىتسىيەرىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تاللاڭ، چۈنكى ئۇ سىزنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشتىكى ئەڭ چوڭ تۆھپىكاردۇر. 

5. مەڭگۈ تەكەببۇرلۇق ۋە مەمەدانلىق قىلماڭ. 

تۇرمۇش ھەرقانچە جاپالىق بولسىمۇ، بىراق مىننەتدار بولۇشىمىزغا ئەرزىيىدىغان تەرەپلەر يەنىلا نۇرغۇندۇر. بىز ئۆز-ئۆزىمىزدىن قانائەتلىنىپ ئەمەس بەلكى مىننەتدار بولۇشىمىز كېرەك. تۇرمۇشتىكى ئېرىشكەن بارلىق نەرسىلەرگە مىننەتدار بولۇڭ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈمىدكە ۋە ئىشەنچكە تولغان قەلبىڭىز بىلەن ئىنتىلىشچان بولۇڭ. غايىڭىزنى، نىشانىڭىز قانچىكى چوڭ قىلسىڭىز بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئۆز-ئۆزىڭىزدىن قانائەتلىنىپ، ئەسلىدىنلا ئېرىشىشكە تېگىشلىك نەرسىلەردىن ۋاز كەچمەڭ. 

مەيلى قايسىلا كۈندە بولمىسۇن، سىز تېخىمۇ قالتىس ياشاشقا ھوقۇقلۇق. ھەربىر نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بەل باغلىسىڭىزلا، چوقۇم بەختلىك بولالايسىز. بىراق ئەڭ مۇھىمى، ئۆزىڭىزنىڭ ئويى بىلەن ھەربىر كۈنىڭىزنى ياخشى ئۆتكۈزۈڭ، ھەركۈنىدە ئەڭ توغرا تاللاش قىلىپ، ئېرىشمەكچى بولغان غايىڭىزدىكىدەك تۇرمۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىڭ.

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق