باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماسلىق ئېسىل پەزىلەت
مەنبەسى: |تەھرىر: | يوللانغان ۋاقىت:2018-06-25 10:26:01

ھەر قانداق ئادەمدە شەخسىي غەرەز، چوڭ پايدىغا ئېرىشىش ئىستىكى بولىدۇ، بىراق مەنپەئەت ئالدىدا كۆزى قىزارماي، ئادىمىيلىك ئەخلاقىنى ساقلاش، ئەخلاقنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىنى قوغداش دېگەنلىك، ئەخلاقىي پەزىلەتنىڭ ھەقىقىي يارقىن نۇقتىسىدۇر.

ئاپام ئىلگىرى بىر ئايال بىلەن يېقىن ئۆتەتتى، ئۇ ئايالنىڭ ئاغزى تاتلىق بولۇپ، قىلغان گەپلىرى قۇلاققا ياقاتتى، بىراق كېيىن ئۇلار باردى-كەلدى قىلماس بولۇپ قېلىشتى.

مەن ئاپامدىن ئۇ ئايال شۇنداق ياخشى تۇرسا نېمىشقا بېرىش-كېلىش قىلماس بولۇپ قالدىڭلار؟ دەپ سورىدىم.

ئاپامنىڭ ئېيتىشىچە، بىر قېتىم ئۇ ئىككىسى بىر خالتا مېۋە سېتىۋېلىپ، ئۇ ئايالنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بۆلۈشۈپتۇ، ئۇ ئايال ئاپامنى بىلمەيدۇ دەپ ياخشىلىرىنى ئۆزى ئېلىپ قېلىپ، كىچىكنى، بۇزۇلغانلىرىنى ئاپامغا قالدۇرۇپتۇ، كېيىن ئاپام ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن پايدا-زىيان توقۇنۇشى يۈز بەرسە ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن يانماي، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىدىغانلىقىنى بايقاپ قاپتۇ-دە، ئۇنىڭ ئىللەتلىرىنى ئاشكارىلاپ يۈرمەي، بېرىش-كېلىش قىلماپتۇ.

ئاپام بىر ئادەمنىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە قاراشتا، ئۇنىڭ سەن بىلەن پايدا-زىيان توقۇنۇشى يۈز بەرگەندە قانداق ئىنكاستا بولىدىغانلىقىغا قاراش كېرەك، دېدى.

بۇ گەپتىن مەن ھازىرغىچە نەپ ئېلىپ كەلدىم.

«شنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق