باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
تېخى كېچىكىپ قالمىدىڭىز
مەنبەسى: |تەھرىر: | يوللانغان ۋاقىت:2018-06-25 10:37:14

ئاپتورى: ئەكرەمجان رۇسۇل

بەزىلەرنىڭ بىرەر ئىشتا مەغلۇبىيەتكە يولۇقسا چۈشكىنلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ياكى «ئەمدى كېچىكىپ قالدىم»دەپ ئۆزىنى تاشلىۋېتىدىغانلىقىنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ھىندىستاننىڭ مەشھۇر پەيلاسوپى ئوشۇنىڭ مۇنداق بىر پەلسەپىۋى چۆچىكى بار. «ئەمدى كېچىكىپ قالدىم» دەپ چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن بىر كىشى ئۆلۈۋالماقچى بولۇپ بىر دەرەخ تۈۋىگە كېلىپتۇ، دەرەخنىڭ بىر شېخىغا ئارغامچىنى چىگىپ بوينىغا سىرتماق سېلىپ بولۇپ، ئەتراپىغا غەزەپ ۋە ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئۇزاق قارىۋەتكەندىن كېيىن دەسسەپ تۇرغان نەرسىنى تېپىپتۇ، ئويلىمىغان يەردە پورلىشىپ كەتكەن قېرى دەرەخ شېخى ئۇنى كۆتۈرەلمەي، تۈۋىدىنلا سۇنۇپ كېتىپتۇ. ئۇ دومىلاپ چۈشكەن يېرىدىن تۇرۇپ قارىسا، دەرەخنىڭ كۆتىكى ئىچىدە بىر نەرسە پارقىراپ تۇرغۇدەك، ئۇ بېرىپ قارىغۇدەك بولسا بىر نەچچە دانە گۆھەر ئىكەن، ئۇ ھاياجان ۋە شادلىق ئىلكىدە قايتىدىن ئۈمىدكە تولۇپ، بۇ گۆھەرلەرنى دەسمايە قىلىپ، زور تىرىشچانلىقى بىلەن ئاخىرى كۆزلىگەن ئارزۇسىغا يېتىپتۇ.

«ئەمەلىيەتتە كېچىكىپ قالدىم» دەپ ئۈمىدسىزلىنىش پەقەت ئېڭىمىزدا ئەكس ئەتكەن ئاددىي چۈشەنچە. ئەگەر بىز كېچىكىپ قېلىش ئىچىدە مۇقەررەر كېچىكىپ قالماسلىقتىن ئىبارەت بىر ئىشەنچ پارلاپ تۇرغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلالىساقلا، ھايات مۇساپىمىز قايتىدىن ئىشەنچكە تولىدۇ. ئۈمىدسىزلىك غەلبىگە، چۈشكۈنلۈك روھلىنىشقا ئايلىنىدۇ. ھايات يولىدا چوقۇم قەتئىي، جۈرئەتلىك مېڭىشىمىز كېرەك، ھايات يوللىرى تىرىشچان ۋە غايىلىك كىشىلەرنى ھامان خۇشپېئىل، ئىللىق باغرى بىلەن قوينىغا ئالىدۇ. ھايات قەدەملىرىنى نۇرلاندۇرىدۇ، ئاچچىق ھامان تەجرىبە ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، ئېسىل گۆھەرگە ئايلىنالايدۇ. بەل قويۇۋەتمىگەن، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىنتىلىشچان، غايىلىك كىشىلەرگە پۇرسەت يەنە بار، چۈنكى ھاياتنىڭ مۇشۇ پەيتىدە ساقلىنىپ قالغان گۆھەرلاردەك بىباھا پۇرسەتلەرنى يوق دەپ كىممۇ ئالدىن ئېيتالىسۇن؟

«ھاياتلىق» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق