باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
بۇ تۆت خىل ئادەمدىن يىراق تۇرۇڭ بولمىسا جەمئىيەتتىكى ئورنىڭىز تۆۋەنلەپ كېتىدۇ
مەنبەسى: |تەھرىر: | يوللانغان ۋاقىت:2018-06-25 10:42:00

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

قاتلامنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا ئىجتىمائىي قاتلام ۋە پۇل ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە، بۇ بىزنىڭ پىسخىكا ساپايىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يېتەرلىك يۇقىرى پىسخىكا ساپا ۋە شەخسىي ئىقتىدار بولمىسا، گەرچە بىر قەدەر يۇقىرى تەبىقىدە بولسىمۇ، ھامان گۇمران بولىدۇ. تۆۋەندىكى بۇ تۆت خىل ئادەم بىزنىڭ پىسخىكىلىق ساغلاملىقىمىزغا ئاسانلا تەسىر كۆرسىتىپ، بىزنىڭ ھايات قاتلىمىمىزنى تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.

(1) ئەندىزىسى يوق ئادەملەر

بۇ يەردىكى ئەندىزە دېگىنىمىز قانچىلىك ئېگىز جايدا تۇرسا شۇنچىلىك يىراقنى كۆرەلەيدۇ دېگەنلىك بولىدۇ. بىر ئەندىزىلىك دوست بولسا، سىزگە يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ، يولدىن ئادىشىپ قېلىشىڭىزنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.

لېكىن ئوخشاشلا، ئەندىزىسى يوق دوست بولسا كەلگۈسىنى كۆرەلمەيدۇ، كۆز ئالدىدا پەقەت نۆۋەتتىكى شەيئىلەرلا بولىدۇ. ئۇ شاختىن بۇ شاخقا قونۇپ، قىلغان ئىشنىڭ تايىنى چىقمايدۇ.

ئۇلار سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنى ئالغاندىن باشقا يەنە ئەڭ قورقۇنۇچلۇق بولغىنى، ئۆزىدىكى شۇنداق ئىدىيىنى سىزگە يۇقتۇرىدۇ. ئۇلار سىزنىڭ دىققەت-ئېتىبارىڭىزنى ھەركۈنى كۆپلىگەن ئەسقاتمىغان ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارغا چېچىپ ۋاقتىڭىزنى ئالغاندا، ئاستا-ئاستا سىزنىڭ ئەندىزىڭىزنىمۇ كىچىكلىتىۋېتىدۇ.

(2) سەلبىي مىجەزلىك ئادەملار

پىسخولوگىيىلىك تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەمەلىيەتتە ئادەملەر سەلبىي، زۇلمەت خاراكتېردىكى ئادەملەر تەرىپىدىن تېخىمۇ ئاسان جەلپ قىلىنىدىكەن. بۇ دەل «ئەسكى قىز» ياكى «ئەسكى يىگىت»نىڭ تېخىمۇ بەكرەك ئالقىشلىنىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر.

بۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان پىسخىكىلىق مېخانىزمى بىرقەدەر مۇرەككەپ بولغاچقا، بۇ يەردە ئايرىم توختالمايمىز.

لېكىن، بىزنى بىلىشىمىزغا تېگىشلىك بولغىنى شۇكى، پاسسىپ خاراكتېر (سەلبىي مىجەز) ئىنتايىن كۈچلۈك ئاسمىلاتسىيە قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. مۇشۇنداق كىشىلەرگە ئۇچراپلا قالىدىكەنمىز، ئېنىقلا چۈشكۈنلىشىمىز.

(3) ھەممىدىن ئاغرىنىپ، نەپرەتلىنىپ يۈرىيدىغان ئادەملەر

نېمىشقا بۇ تۈردىكىلەرنى ئايرىم تىلغا ئالىمىز؟ چۈنكى ئۇلار قارىماققا ئانچە خەتەرلىك ئەمەستەك تۇرغىنى بىلەن، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن خەتەرلىك بولىدۇ. چۈنكى بۇنداق كىشىلەر ئالدى بىلەن ئاغرىنىش ئوبيېكتىنى تېپىشى كېرەك، ئۇلار پەقەت باشقا بىرەيلەنگە قاقشاپ بەرگەندىلا ئاندىن قانائەت ھاسىل قىلالايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ دوستى بولمىش، نۇرغۇن ۋاقتىڭىز ۋە زېھنىڭىز ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ.

ئۇنىڭدىن كېيىن، ئاغرىنىش يەنە ئەمەلىيەتتە سەلبىي ئېنىرگىيەنى يەتكۈزۈپ بېرىش جەريانىدۇر، بۇ بىزنىڭ ئېنىرگىيەرىمىزنى زور دەرىجىدە خورىتىپ، بىزنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن قاتتىق چارچىتىپ قويىدۇ.

تەجرىبىلىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسى شۇنى بىلىدۇكى، باشقىلارنىڭ ئاغرىنىشىنى ئاڭلاش ئادەمنى چارچىتىپ قويىدىغان ئىشتۇر. يەنە كېلىپ بۇ يەنە بىزنىمۇ تۇيدۇرماستىن پاسسىپ ۋە زۇلمەتلىك خاراكتېرگە ئىگە قىلىپ قويىدۇ.

(4) ئۆسۈپ-يېتىلىشتىن ۋاز كەچكەن ئادەملەر

تۇرمۇش تەجرىبىسى بارلارنىڭ بەلكىم مۇنداق تەجرىبىسى بولۇشى مۇمكىن: قانچە چۈشكۈن ھەم ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن ئادەم باشقىلارنىمۇ شۇنچە كۆرەلمەيدىغان بولىدۇ. ھەتتا ھەممىلا ئادەمنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش چۈشكۈنلىشىپ كېتىشىنى خالايدۇ.

تاپتىن چىققان ئادەم باشقىلارنىڭمۇ تاپتىن چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، چۈنكى شۇنداق بولغاندىلا ئۇلارنىڭ روھىي بېسىمى يېنىكلىگەن بولىدۇ.

لېكىن ئەگەر سىزنىڭ كۈنىڭىز ئۇلاردىن ياخشى بولسا، ئۇلار ھەرخىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ سىزنىمۇ يىقىتماقچى بولىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇ خىل ھەسەتخورلۇق ئېڭى ئۇلارنى باشقىلارغا زىيانلىق، ئۆزىگە پايدىسىز ئىشلارنى قىلدۇرۇشتىنمۇ يانمايدۇ.

تاپتىن چىققان بىر ئادەمنى مەڭگۈگە ئۆزىڭىزدىن يىراق قىلىڭ، ئۇلارنىڭ نەزىرى سىزگە چۈشمىسۇن، بولمىسا تۇرمۇشىڭىز «قاينا-تاشقىنلىق»قا چۆمگۈسى.

خۇلاسە: ئادەملەرنىڭ پىسخىكىسى ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولغاچقا، باشقىلارنىڭ پىسخىكىسى بىزگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. شۇڭا بىر ئادەمنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىت ئىنتايىن مۇھىم.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۆت خىل پىسىخىكىلىق مەسىلىسى بار كىشىلەردىن يىراق تۇرۇڭ، بولمىسا سىزنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىڭىز بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق