باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
يولۇڭدا ماڭ، كىشىلەر نېمە دېسە دېسۇن
مەنبەسى: |تەھرىر: | يوللانغان ۋاقىت:2018-06-25 10:43:02

سىنىپ مەسئۇلى ۋاقتىمدا ئىككى ئوقۇغۇچۇم زىددىيەتلىشىپ قېلىپ، قاتتىق ئېيتىشىپ كەتتى. ئەھۋالنى ئىگىلىسەم، ئەسلىدە بىر ئوقۇغۇچۇم يەنە بىرىنىڭ كەينىدىن يامان گېپىنى قىلىپ قويۇپتۇ. شۇ ئىش بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەن بۇ ماقالىنى يېزىپ چىقتىم.

بىرەيلەن سىز بىلەن كېتىۋاتقاچ قولىدىكى بىر خالتا ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكنى سىزگە سۇندى.

 نەتىجىدە: 1. سىز تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمايلا ئۇنىڭ قولىدىكىدىن ئازراق ئالدىڭىز، شۇندىلا ئۇ باشقىلارغا «قاراڭلار ئەقەللىي ئەدەپ دېگەننىمۇ بىلمەيدىكەن، قېنى يىگىن دەپ قويىۋىدىم تۈزۈت قىلمايلا ئېلىۋالدى» دەيدۇ.

2. سىز خېلى تۈزۈت قىلىپ باققاندىن كېيىن، ئىلاجىسىزلىقتىن قولىدىكى يېمەكلىكتىن ئازراق ئالدىڭىز، ئۇ باشقىلارغا «قاراڭلار ئۇ نېمە دېگەن ياسالما، نېمىگە ئۇنچىلىك قىلىدۇ، زورلاپ قويسام بەرىبىر ئالدىغۇ» دەيدۇ.

3. سىز ئۇنىڭ ياخشى كۆڭلىنى قەتئىي رەت قىلىۋەتسىڭىز، ئۇ يەنىلا «ۋاي ئۇ نېمانچە غەلىتە، ئۆزىنى پەرىشتە چاغلاپ قالدىمىكىنە» دەيدۇ.

باشقىلارنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلىش ياكى باشقىلار تەرىپىدىن سۆز-چۆچەككە قېلىش دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. قولىڭىزدىن ئىش كەلمىسە سىزنى يارىماس دەيدۇ؛ ئىقتىدارلىق بولۇپ كەتسىڭىز يەنىلا سىزدىن پۇتاق ئىزدەپ ئەخلاقىڭىزنىڭ ناچارلىقى توغرىسىدا پوكىس چىقىرىپ خەۋەر تارقىتالايدۇ. سىز ھورۇن بولسىڭىز، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىسىز؛ ئىشچان بولسىڭىز ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرايسىز. تېز ماڭسىڭىز گېدىيىپ ماڭىدۇ دەيدۇ؛ ئاستا ماڭسىڭىز چۈشكۈنلىشىپ كېتىپتۇ دەيدۇ. ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ سىزنىڭ نەتىجە قازىنىشىڭىزغا رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىسىز، ئەمما شۇنداقلا نەتىجە قازاندىڭىزمۇ، ھەرخىل ھەسەتخورلۇق بىلەن ئېيتىلىۋاتقان سۆز-چۆچەكنىڭ دەستىدىن خاتىرجەم كۈنمۇ ئۆتكۈزەلمەيسىز.

شۇڭا ئادەم بىرەر ئىش قىلماقچى بولىدىكەن، باشقىلارنىڭ سۆز-چۆچەكلىرىگە پەرۋا قىلماسلىق كېرەك. كونىلاردا «كۈن كىشىلەرنىڭ سوغۇقتىن بىزار بولىشى بىلەن قىش پەسلىنى توختىتىپ قويمايدۇ، يەر كىشىلەرنىڭ يولنىڭ يىراقلىغىدىن ئاغرىنىشى بىلەن بىپايانلىقىنى تاماملىمايدۇ، ئېسىلزادىلەر چاكىنا ئادەملەرنىڭ گەپ-سۆزى بىلەن ئۆز پەزىلىتىدىن ۋاز كەچمەيدۇ».

يەنىلا ماركسنىڭ مۇنۇ ئېغىز گېپى توغرا «ھەرقانداق ئىلمىي تەنقىدىي پىكىرنى قارشى ئالىمەن. لېكىن مەن ئەزەلدىن يول قويۇشقا بولمايدىغان بىر تەرەپلىمە ئاتالمىش جامائەت پىكرىگە قارىتا يەنىلا ئۇلۇغ فلورېنسالىق شائىر دانتىنىڭ مۇنۇ ھېكمەتلىك سۆزىگە رىئايە قىلىمەن: يولۇڭدا ماڭ، كىشىلەر نېمە دىسە دىسۇن.»

 

خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق