باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
يالغۇز قالسىڭىزمۇ بۇنداق ئادەملەر بىلەن ئارىلاشماڭ
مەنبەسى: |تەھرىر: | يوللانغان ۋاقىت:2018-06-25 10:47:38

باش خەۋەرلەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئارىلاشقان كىشىلىرىڭىز قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى دېگەنلىك ئەمەس، چىن يۈرىكى بىلەن ئالاقە قىلالايدىغانلارلا سىزنىڭ قەدىرلىشىڭىزگە ئەرزىيدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزىڭىز يالغۇز يىگانە قالسىڭىزمۇ تۆۋەندىكىدەك كىشىلەر بىلەن ئارىلاشماڭ.

1. پۇل ئارىيەت ئېلىپ قايتۇرمايدىغانلار

بەزىلەر پۇل ئارىيەت ئالغاندا ئىنتايىن بىچارە قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ، پۇل قايتۇرغاندا بولسا چوڭچىلىق قىلىدۇ، پۇل ئارىيەت ئالغاندا سىزدىن پۇل ئېلىش نىيىتىدە نۇرغۇنلىغان چىرايلىق گەپلەرنى قىلىدۇ، ھەتتا قەسەممۇ قىلىدۇ، پۇلنى ئېلىپ بولۇپلا يوقاپ كېتىدۇ، سىز ئۇنىڭغا پۇل قايتۇرۇشنى ئېيتسىڭىز سىزنى ھاقارەتلەيدۇ.

2. ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق كۆرسەتمەيدىغان كىشىلەر

ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالى بىلەن كارى بولمايدىغان كىشىلەر ئىشىنىشكە ئەرزىمەيدۇ، بۇنداق ئادەملەرنىڭ كۆڭلى قارا كېلىدۇ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەسكى گېپىنى قىلىپ، يەنە تېخى باشقىلارنى ئاتا-ئانىسىغا ياخشى مۇئامىلە قىلماسلىق، ئۇلارنى تازا ئەدەپلەپ قويۇشنى ئۆگىتىدۇ، بۇلاردا ۋىجدان دەيدىغان نەرسە يوق.

3. باشقىلارغا زىيان سېلىپ ئۆزى پايدا ئالىدىغانلار

ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ زىيان تارتىشى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان، باشقىلارنىڭ ئازابىنى پەلەمپەي قىلىپ يۇقىرىغا يامىشىدىغان، مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان كىشىلەر.

4. قانائەت قىلمايدىغان كىشىلەر

باشقىلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئۇلارغا كەينى-كەينىدىن ياردەم قىلىسىز ئۇلار سىزنى بىرەر قېتىممۇ ياخشى دەپ ھېسابلىمايدۇ، سىزنىڭ قۇربانلىق بېرىشلىرىڭىزنى قىلىشقا تېگىشلىك ئىش دەپ قارايدۇ، بىر كۈنلەردە سىز قۇربانلىق بېرىشنى توختاتسىڭىز سىزنى ھاقارەتلەيدۇ، دائىم ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەيدۇ، باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىغا بىرەر ئېغىز «رەھمەت» دېيىشنىمۇ خالىمايدىغان كىشىلەر.

5. ئالدىڭىزدا بىر خىل كەينىڭىزدە بىر خىل كىشىلەر

ئالدىڭىزدا كۈلۈپ تۇرۇپ سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان، كەينىڭىزدە سىزگە تىغ سېلىشتىن يانمايدىغان كىشىلەر

6. سىزنى ياخشى كۆرىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالغان كىشىلەر

بەزى كىشىلەر پايدا-مەنپەئەتنى كۆزلەپ سىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ، لېكىن ئەمەليەتتە سىز بىلەن ئويۇن ئوينايدۇ، سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىز، پۇلىڭىز، سۆيگۈڭىزنىڭ ھەممىسىنى قۇرۇتۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆرۈلۈپلا كېتىپ قالىدۇ.

7. ھەممە ئىشنى زىغىرلاپ يۈرۈيدىغان كىشىلەر

سىز كىچىككىنە بىر ئىشنى خاتا قىلىپ قويسىڭىز ئۇ سىزنى ئەيىبلەپ كېتىدۇ، ھەتتا سىزدىن نەپرەتلىنىدۇ، سىز ھەر قانچە توغرا ئىش قىلىپمۇ ئۇنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشەلمەيسىز، پايدا-مەنپەئەتكە پۇلغا چېتىلىدىغان يەرلەردە سىز بىلەن بىر موچەن پۇلنىمۇ تالىشىدۇ.

8. ئۆزىنى مەركەز قىلىپ ياشايدىغان كىشىلەر

مەڭگۈ ئۆزىنى دۇنيانىڭ مەركىزى دەپ قارايدىغان، باشقىلارنىڭ بەرگەن تەكلىپىنى مەڭگۈ قوبۇل قىلمايدىغان، ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ تەرسالىق قىلىپ داۋاملىق ئۆزىنىڭكىنى راست قىلىدىغان، باشقىلارنى ئازراقمۇ كۆزگە ئىلمايدىغان، ئۆز خاتالىقىنى ئىتىراپ قىلمايدىغان كىشىلەر.

9. مەسئۇلىيەتتىن قاچىدىغان كىشىلەر

ھەممە مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئارتىپ قويىدىغان، ئامال تېپىشقا كەلگەندە ھەممىدىن كۆپ سۆزلەيدىغان، چاتاق چىققاندا بولسا ھەممىدىن تېز قاچىدىغان، دائىم باشقىلارنى ئۆزىنڭ خاتالىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا قىستايدىغان كىشىلەر.

10. ئۆز ئالدىغا قارشى يوق كىشىلەر

دائىم باشقىلارنىڭكىنى توغرا دەپ قارايدىغان، ئۆز ئالدىغا كۆز قارىشى يوق، سىزگە ۋەدە بەرگەن تۇرۇپ باشقىلارنىڭ گېپى بىلەنلا قارارىنى ئۆزگەرتىدىغان مەيدانى يوق كىشىلەر.

كۆڭلىدە جىن بار كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلماڭ، چۈنكى ئۇلار سىزنىڭ ئاق كۆڭۈللىكىڭىزنى كەينى-كەينىدىن ئالدايدۇ.

سىزگە ئازار بېرىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلماڭ، چۈنكى ئۇلار بىلەن يۈرىۋەرسىڭىز سىزنىڭ يۈرىكىڭىز بارا-بارا مۇزلاپ كېتىدۇ.

سىزنى قەدىرلىمەيدىغان كىشىلەردىن يىراق تۇرۇڭ، چۈنكى سىز قانچىلىك بەدەل تۆلىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ئۇلار سىزنى قەدىرلىمەيدۇ.

دوستلار ئارا ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، چۈشىنىش كېرەك، ھەقىقي دوستلار بىر-بىرىگە ھەمراھ بولۇپ ھەرقانداق قىيىنچىلىقلاردىن بىرلىكتە غالىب كېلەلەيدۇ.

بىر جۈپلەر ئارا ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، كۆيۈنۈش لازىم، چىن دىلىدىن سۆيۈشكەنلەر بىر-بىرىگە ئالا كۆڭۈللۈك قىلمايدۇ، قارشى تەرەپنىڭ يىغلىشىغا چىداپ تۇرالمايدۇ، قارشى تەرەپنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قەدىرلەيدۇ، توي قىلىشنى مەقسەت قىلىپ سۆيگۈنىنىڭ قولىنى تۇتىدۇ.

خىزمەتداشلار ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش، بىر-بىرىنىڭ دەردىگە يېتىش لازىم، ھەقىقىي خىزمەتداشلار ھەممە مەسئۇلىيەتنى پەقەت سىزگىلا ئارتىپ قويمايدۇ، سىزنى قەستەن يامان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويمايدۇ.

قوشنىلار ئارا ئۆزئارا كۆيۈنۈش، ھۆرمەتلەش، كۆڭۈل بۆلۈش لازىم. يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا دەيدىغان گەپ بار، ھەقىقىي قوشنىلار خۇددى ئۇرۇق-تۇغقانلاردەكلا يېقىن ئۆتەلەيدۇ.

ھاياتىڭىزدا سىزنىڭ قەدىرلىشىڭىزگە ئەرزىيدىغان ئادەمگە ئۇچرىغىنىڭىز سىزنىڭ تەلىيىڭىز، ئۇلارغا كۈچىڭىزنىڭ بارىچە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ، ئۇلارنى قەدىرلەڭ.

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق