باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
يۆلەنگىلى ئادەم تاپالمىغاندا ئۆزىڭىز دەس تۇرۇڭ
مەنبەسى: |تەھرىر: | يوللانغان ۋاقىت:2018-06-25 10:53:52

توۋتياۋ تورى 30-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تۇرمۇشتا ۋاز كېچىشنى تاللىغان ئىكەنسىز، تاللىشىڭىزدىن ئاغرىنماڭ، بۇ دۇنيا ئىنتايىن ئادىل، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئۆزىگە تەۋە بولغان تۇرمۇشنى يارىتىدۇ.

ئەتراپىڭىزدىن يۆلىنىدىغان ئادەم تاپالمىغاندا ئۆزىڭىز ئۆرە تۇرۇڭ، ھايات يولى ئۇزاق يول، بۇ يول ماڭغانسېرى داغداملىشىدۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئالدىرىماڭ. ھايات يولى قىيىن ياكى ئاسان بولسۇن يەنىلا بېسىپ تۈگىتىشىڭىز لازىم، تۇرمۇشتىكى جاپا-مۇشەققەتنى ھېچكىم سىزگە تارتىشىپ بېرەلمەيدۇ.

تۇرمۇشتا سىزگە ياردەم قىلىدىغان بىرسى بولسا ئۇنداقتا سىز ئىنتايىن تەلەيلىك ئىكەنسىز، ياردەم قىلىدىغان ئادىمىڭىز بولمىسا بۇمۇ تەلىيىڭىز، بېشىمىزغا ياخشى كۈنلەر كەلگەندە مىننەتدار بولۇشنى، يامان كۈنلەر كەلگەندە چىشىمىزنى چىشلەپ بولسىمۇ چىداشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك.

بىردەملىك ئېزىقتۇرۇشلارغا ئالدىنىپ كەتمەڭ، سىزگە چاۋاك چالىدىغانلار بولمىسىمۇ پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ، تەقدىرىمىزنى بەلگىلەيدىغىنى ساقلاپ ئېرىشكەن پۇرسەت ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ پوزىتسىيەسى.

ھايات ئۈستى بېشىڭىزنى قانىتىۋەتسىمۇ قورقماڭ، مۇشۇ يارىلار بولمىسا قانداقمۇ مۇستەھكەم قالقانلار بىلەن قوراللىنالايسىز، تۇرمۇش سىزنى يۈز ئىش بىلەن يىغلىتىمەن دېسە كۈلۈش ئۈچۈن ئۇنىڭغا مىڭ باھانە تېپىپ بېرىڭ.

كۈنلۈكسىز يامغۇردا قالغان چېغىڭىزدا كەڭ ئاسماننى يېپىنچا قىلىڭ، دەسمايىڭىز بولمىسا ئەتىڭىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشى ئۈچۈن تىرىشىڭ، يۆلەنچىكىڭىز بولمىسا ئۆزىڭىز باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرلەڭ، ھايات ياشىغان ئىكەنسىز قەيسەرلىك بىلەن ھاياتىڭىزنى چىرايلىق گۈللەر بىلەن بېزەڭ، يۆلەنگىلى ئادىمىڭىز بولمىغاندا ئۆزىڭىز ئورنىڭىزدىن تىك تۇرۇڭ.

دۇنيادا جاپا تارتىۋاتقان پەقەت بىر سىزلا ئەمەس، تىرىشىش بىردىنبىر تاللاش، ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزنى قەيسەر بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇڭ، تىرىشقاندىلا ئارزۇ قىلغان بارلىق نەرسىلەرگە ئېرىشەلەيسىز، ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن.

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق