باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
ھايات بەك قىسقا، ئەمدى قەدىرلىمىسەك راستتىنلا قېرىپ كېتىمىز
مەنبەسى: |تەھرىر: | يوللانغان ۋاقىت:2018-06-25 10:58:23

باش خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى :

ئەتىياز، ياز، كۈز، قىش تۆت پەسىل توختىماستىن ئالمىشىپ تۇرىدۇ، تۇغۇلۇشتىن ئۆلگىچە ھايات پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ، ئىككىنچى قېتىم قايتىلانمايدۇ، بەزىلەر دەيدۇ: «بۇ دۇنيادا ئەڭ قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغىنى يوقىتىپ قويغان نەرسىلىرىمىز بولماستىن بەلكى ھازىر قولىمىزدا بار بولغان نەرسىلەردۇر».

ۋاقىت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كېتىدۇ، بەزى ۋاقىتتا بەزى نەرسىلەرنى كەتكۈزۈپ قويساق، بۇ ئۆمرىمىزدە ئىككىنچى ئېرىشەلمەيمىز. شۇڭلاشقا ياش ۋاقتىمىزدا، ۋاقتىمىز بار ۋاقىتتا ھەربىر كۈننى تىرىشىپ خۇشال ھەم مەنىلىك ئۆتكۈزەيلى، ھەر بىر كۈننى قەدىرلەيلى. چۈنكى ئادەمنىڭ ئۆمرى راستىنلا بەك قىسقا، ئەمدى قەدىرلىمىسەك راستتىنلا قېرىپ كېتىمىز.

سالامەتلىكىمىزنى قەدىرلەيلى، ھەركۈنى ۋاقتىدا ئارام ئېلىپ، ۋاقتىدا تاماق يەيلى، ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندىلا ئاندىن ساغلام بولغان بەدەن ۋە ساغلام پىسخىكىغا ئېرىشەلەيمىز. ساغلام، روھلۇق بولغاندا ئاندىن تۇرمۇشىمىزنى رەڭدارلىققا تولدۇرالايمىز.

گەپ-سۆزلەرنى قەدىرلەيلى، گەپ كۆپلكىدە ئەمەس بەلكى مەنىسىنىڭ چوڭقۇرلىقىدا. ئادەم ئېغىزىدىن بالاغا قالىدۇ، قانچە كۆپ گەپ قىلغانسېرى شۇنچە خاتالىشىدۇ، جىق گەپ قىلىش ئاسانلا بىر ئادەمنىڭ ئەيىبىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ، ئۆزىمۇ بىلمەيلا باشقىلارنى ئۆزىگە دۈشمەن قىلىۋالىدۇ. گەپ-سۆزلىرىمىزنى قەدىرلەيلى، گەپ قىلىشقا تېگىشلىك جايدا گەپ قىلىپ، گەپ قىلماسلىققا تېگىشلىك جايدا تىڭشاشنى ئۆگىنىۋالايلى، دېگەن گېپىڭىز دەل جايىدا بولسا ئاندىن كۈچ-قۇدرەتكە تولغان بولىدۇ.

قىيىچىلىقنى قەدىرلەيلى، سىز بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزگەننىڭ ھەممىسى دەل سىزنىڭ ھاياتىڭىز، ھايات سەپىرىدە ئوڭۇشسىزلىق دېگەن بولۇپ تۇرىدۇ، قورقىشىڭىزنىڭ، تەشۋىشلىنىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، قەيسەرلىك بىلەن ئالدىڭىزغا قاراپ ماڭسىڭىزلا كۇپايە. بارلىق توسالغۇلارنى يەڭگەن ۋاقتىڭىزدا كەينىڭىزگە قارىسىڭىز سىزنى چوڭ قىلغان، سىزنى پىشىپ يېتىلدۈرگەن دەل شۇ قىيىنچىلىقلار ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ھاياتتا بىكارغا ماڭغان يول بولمايدۇ، بىكارغا تارتقان جاپا بولمايدۇ، بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزگەنلىرىڭىز قانچە جىق بولسا ھاياتىڭىزنىڭ شۇنچە قىممىتى بولىدۇ.

قېرىنداشلىرىمىزنى قەدىرلەيلى، ئادەم ھاياتىدا نۇرغۇن كىشىلەرگە، ھەرخىل ئىشلارغا ئۇچرايدۇ، ئاخىرىدا ھەممىسى ئۆز يولىغا مېڭىشىدۇ، باشتىن-ئاخىرى سىزدىن ۋاز كەچمەيدىغىنى دەل سىزنىڭ قېرىنداشلىرىڭىز. قېرىنداش سىز تۇغۇلغاندىلا بەلگىلىنىپ بولغان، ئۇ مۇھەببەتتىن ئۇزۇن، دوستلىقتىن چوڭقۇر، مەيلى سىز قەيەردە بولۇڭ، قانداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىڭ، قېرىنداشلىرىڭىز سىز ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتايدۇ، ئۈن-تۈنسىز سىز ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىدۇ. قېرىنداشلىق مېھرىنى ئوبدان قەدىرلەڭ، يوقىتىپ قويغان ۋاقىتىڭىزدا ئاندىن قەدرىگە يېتىپ كۆز يېشى قىلماڭ.

ۋاقىتنى قەدىرلەيلى، تۇغۇلدۇق، ناھايىتى تېزلا ئۆلۈپ كېتىمىز، ھەربىر ھايات بۆلىكىمىزنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قەدىرلەيلى، ئۆتمۈشنىڭ كۆلەڭگىسىگە ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ، كەلگۈسىنى ئويلاپ بېشىڭىزنى ئاغرىتماڭ، ئەڭ قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغىنى دەل ھازىر، پەقەت ھازىرنى ياخشى قەدىرلىسىڭىزلا ئۆتمۈشىڭىزگە ۋە كەلگۈسىڭىزگە يۈز كېلەلەيسىز.

ھايات بەكلا قىسقا، ئەمدى قەدىرلىمىسەك راستىنلا قېرىپ قالىمىز.

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق