باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
كەلگۈسىدىكى سىز ھازىرقى تىرىشىۋاتقان ئۆزىڭىزگە چوقۇم رەھمەت ئېيتىسىز
مەنبەسى: |تەھرىر: | يوللانغان ۋاقىت:2018-06-25 10:59:51

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى :

ھازىرقى جەمئىيەتتە تىرىشمىغان كىشىلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. باشقىلارغا تايانغاندىن كۆرە ھەرقانداق ئىشتا ئۆزىگە تايانغان مىڭ ياخشى ! مەيلى تاللىغان يولىمىز قانچىلىك جاپا-مۇششەقەتلىك بولسۇن ئۆمىلەپ بولسىمۇ تاماملاش كېرەك.

تېرىشمىغان كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپىقىيەت-مەغلۇبىيەتتىن سۆز ئېچىشقا سالاھىيتى يوق، بۇ دۇنيادا ئۈمىدسىز ئىشلار مەۋجۇت ئەمەس پەقەت ئۈمۈدسىز كىشىلەرلا بار، پەقەت تىرىشساقلا ئارزۇيىمىزغا يېتەلمىسەكمۇ ھېچقىسى يوق، تىرىشتۇق، كۈچىدۇق شۇ يېتەرلىك. ھايات يولى ئۇزۇن، ھايات يولى خۇشاللىق ۋە قايغۇغا تولغان، چىشىمىزنى چىشلەپ ئۆتكۈزۈۋەتسەكلا ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، ئارزۇ دەل بىز بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن تاماملىغان ئەگرى-توقايلىق يول.

بىز ھەممىمىز ئادەتتىكى ئادەملەر، لېكىن ئادەتتىكى ئادەملەرمۇ ئۇلۇغ ئىشلارنى روياپقا چىقىرالايدۇ، باشقىلارنىڭ قازانغان ئۇتۇقى ئۇلارغا مەنسۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇتۇقى ئاندىن سىزگە ھەقىقىي مەنسۇپ، ئاددىي ئادەملەرگە نىسبەتەن ئۇلۇغ بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت بۈگۈنكى نەتىجە تۆنۈگۈنكىدىن ياخشى بولسىلا ئالغا ئىلگىرلەش دېگەن شۇ.

تۇرمۇش بەزىدە ئىنتايىن تىنىچ، بەزىدە ئىنتايىن جاپالىق، بەزىدە خۇشاللىق بىلەن تولغان، بەزىدە ئازاپ-ئوقۇبەتكە تولغان، ھازىرقىدەك جاپالىق تۇرمۇشتا ھەممە ئادەم ئىنتايىن چارچاپ كېتىدۇ، لېكىن سىزنىڭ ئازابىڭىزنى ھېچكىم كۆتۈرىشىپ بېرەلمەيدۇ، ئادەم چوقۇم ئۆزى چوڭ بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى لازىم.

ھايات يولىدا مەيلى قانچىلىك يۈگۈرۈپ ھېرىپ كەتسىڭىزمۇ ھەرگىز بېشىڭىزنى تۆۋەن قىلىپ بوشىشىپ كەتمەڭ، قائىدە-تۈزۈملەر بىلەن ئۆزىڭىزنى قەپەسنىڭ ئىچىگە سولىۋالماڭ، يىقىلىپ كەتسىڭىزمۇ كۈلۈمسىرەپ ئالغا ئىلگىرلەڭ، ئازاپ-ئوقۇبەتنى مۇۋەپپىقىيەتكە يېتىدىغان پەلەمپەي قىلىڭ.

ئادەمنىڭ بىر ئۆمرىدە مەڭگۈلۈك خۇشاللىق يوق ھەم مەڭگۈلۈك ئازاپمۇ يوق، ئۆتكىلى بولمايدىغان ھاڭ بولمايدۇ، كەلگۈسىدە پۈتۈن قىينچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىنتىلگەن ھازىرقى ئۆزىڭىزگە چوقۇم رەھمەت ئېيتىسىز.

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق