باش بەت>>ساغلاملىق
دېڭىز مەھسۇلاتلىرى يەپلا كەينىدىن مىۋە يېگەندە ئوڭايلا يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ قالىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-09 16:03:34

دېڭىز مەھسۇلاتلىرى يەپلا كەينىدىن مىۋە يېگەندە ئوڭايلا يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ قالىدۇ. چۈنكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىمۇ كۆپىنچە مېۋىلەرگە ئوخشاش تەبىئىيىتى سوغۇق بولۇپ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندىمۇ ئاسانلا ئىچ سۈرۈش كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن بېلىق، راك قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە مول ئاقسىل ۋە كالتىسي بولۇپ، ئۈزۈم، ئانار، دولانا، ئەبنۇس قاتارلىق مېۋىلەر بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغاندا ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە ئاشقازاندا ئۆزئارا رىئاكسيلىشىپ ئاسان ھەزىم بولمايدىغان بىر خىل ماددا ئىشلەپ چىقىرىدۇ.بۇ ھال ئاشقازاننى غىدىقلاپ بىئارام قىلىپ، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، باش قېيىش، قورساق ئاغرىش، ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر بولغاندا، ئاشقازان قانايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دېڭىز مەھسۇلاتلىرنى يېگەندە بىر سائەتتىن كېيىن ئاندىن مېۋە يېيىش مۇۋاپىق. ئەگەر يۇقارقىدەك بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ماشنى بەش مىنۇت قاينىتىپلا، ئىچسە بىئاراملىقنى تۈگىتىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق