باش بەت>>ساغلاملىق
ھەرىكەت بىلەن يېمەكلىكنىڭ مۇناسىۋىتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-15 11:58:13

سۆڭەك- بوغۇم ياللۇغى ياشانغانلارنى مېيىپ قىلىپ قويىدىغان قاتىل. گەرچە بۇ كېسەللىك سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىغان بولسىمۇ، بىراق ياشانغان، سېمىز، زىيادە كۆپ ھەرىكەت قىلىدىغان، مېتابولىزمى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان كىشىلەر ئاسانلا سۆڭەك-بوغۇم كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.

سۆڭەك-بوغۇم ياللۇغى ئاغرىقلىرىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشى

سۆڭەك-بوغۇم ياللۇغى ئاغرىقلىرى كۈندىلىك بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز بولغانلىقى ئۈچۈنلا چېنىقىشتىن ۋاز كەچسە بولمايدۇ، مۇۋاپىق چېنىقىشنىڭ تىز بوغۇم ياللۇغىنى داۋالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بار.

تىز بوغۇمىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش: ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، پۇتنى يەنە بىر ئوخشاش ئېگىزلىكتىكى ئورۇندۇققا قويۇپ، ئىگىلگەن تىزنى ئاستا-ئاستا تۆۋەنگە بېسىش.

تىز بوغۇمنى كۈچەيتىش: ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ئىككى پۇتنى تەبئىي ھالدا تۆۋەنگە ساڭگىلىتىش، تۆۋەنكى پۇتنى تۈز سۇنۇپ ئالتە سېكۇنت تۇرۇش، بۇ ھەرىكەتنى ئىككى پۇتنى ئالماشتۇرۇپ، 5-10 قېتىم تەكرارلاش.

پۇتنى سوزۇش ھەرىكىتى: يۇمشاق سېلىنچا ئۈستىدە يېتىپ، پۇتنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تىزنى ئېگىپ، تىزنى ئاستا تارتىپ كۆكرەك قىسمىغا يېقىنلاشتۇرۇش، ئىككى پۇتنى ئالماشتۇرۇپ، 5-10 قېتىم تەكرارلاش. بۇ ھەرىكەت ساغرا قىسمىدىكى بوغۇملارنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنى ياخشىلايدۇ.

سۆڭەك-بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر

پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر: پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قاتارلىقلاردا ۋىتامىنE ۋە كالتسىي مول بولۇپ، ئۇنىڭ سۆڭەكنى ساغلاملاشتۇرۇش رولى سۈتنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ.

قاپاق مۇچ: قاپاق مۇچنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىنB6 ۋە يوپۇرماق كىسلاتاسى بولۇپ، بۇلار بوغۇم ياللۇغى پەيدا قىلغان ئاغرىقنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدۇ.

بانان: بانان تەركىبىدە كالىي ئەڭ كۆپ بولغان مېۋە، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بوغۇم ياللۇغىنى داۋالايدىغان ياخشى يېمەكلىك.

يېشىل چاي: يېشىل چاينىڭ تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىۋپولىفېنول مول بولۇپ، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىدۇ.

ئىرىمچىك: ئىرىمچىكنىڭ تەركىبىدە مول كالتسىي بولۇپ، سۆڭەك، مۇسكۇل ۋە بوغۇم توقۇلمىلىرىنى قوغداش رولىغا ئىگە.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق