باش بەت>>ساغلاملىق
ساغلام بولاي دېسىڭىز...
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نىجات ۋەلى ياقۇپ | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-28 18:43:57

1. بېلىقنى كۆپرەك يەڭ : بېلىق يۈرەك ۋە مېڭىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ .

2. بۇغداي ۋە ئارپىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىڭ : دىئابىت كېسىلىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ .

3. تاماقنى ئاز يەڭ ، قېتىم سانى كۆپ بولسۇن : قان شېكىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ ، روھنى ئۇرغىتىدۇ .

4. ئۆزىڭىزنى خۇشال تۇتۇڭ :تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ، كىچىكىدىن تارتىپ خۇشال ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدىكەن .

5. يېشىل چېچەكسەي : چېچەكسەي ، قاتكۆل قاتارلىق كىرىستگۈللەر ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە راكقا قارشى ماددا بار بولۇپ ، ھەر ھەپتىدە بىر نەچچە قېتىم يەپ بېرىڭ .

6. ئېچىلىپ كۈلۈڭ : ئادەم ئېچىلىپ كۈلگەندە ، بەدەن تومۇرىنى راۋانلاشتۇرىدىغان بىر خىل ماددىنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ ، ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرىدىكەن .

7. تۇرمۇشتا ئۆزىڭىزنى كونترۇل قىلىڭ : تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ، ھېسسىيات جەھەتتە ئۆز تۇرمۇشىنى كونترۇل قىلالايدىغان ئادەملەرنىڭ ئۆمرى ئۇزاق بولىدىكەن .

8. قورۇلغان تاماقلارنى ئاز يەڭ .

9. تۇزنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ : ھەر كۈنى ئىستىمال قىلىدىغان تۇزنىڭ مىقدارى ئىككى گرامدىن ئېشىپ كەتمىسۇن .

10. ئىس – تۈتەكتىن يىراق تۇرۇڭ : ئىس – تۈتەك ئادەمنى ئوڭايلا يۈرەك ۋە ئۆپكە كېسلىگە گىرىپتار قىلىدۇ . ئېغىر دەرىجىدىكى ھاۋا بۇلغىنىشى نەپەسلىنىش سېستىمىسىنىڭ يۇقۇملىنىشى ۋە دېمى سىقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

11. خام يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىڭ : خام يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشنىڭ راك كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۈك رولى بار .ئامىرىكىلىق كۆپ ساندىكى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئۇزۇن مۇددەت كۆكتات ۋە مىۋە – چىۋىلەرنى ئىستىمال قىلغان بولۇپ ، بەزىلىرىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن ، بەزىلىرىنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغان .

12. پوستى بار يىمەكلىكلەرنىڭ سىرتقى پوستىنى قوشۇپ ئىستىمال قىلىش : بەزى كۆكتات ، مىۋە – چىۋىلەرنىڭ سىرتقى پوستىدا ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ ، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق . لېكىن مىۋە – چىۋە ، كۆكتاتلارنى پوستى بىلەن قوشۇپ ئىستىمال قىلغاندا بۇلغانمىغان يېشىل يېمەكلىك ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىش زۆرۈر .

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق