باش بەت>>ساغلاملىق
كۆكتاتلار ئارقىلىق ھۆسن تۈزەش ھەققىدە ئاددىي ساۋات
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نىجات ۋەلى ياقۇپ | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-28 19:22:38

1.ئەگەر تېرىلەرنى قىزغۇچ قىلماقچى بولسا، يۈزنى پاكىز يۇيۇپ، قىزىلچىنى يالپاقلاپ كېسىپ، ئىككى مەڭزى ۋە پىشانىگە سۈرۈپ، قىزىلچىنىڭ شىرنىسىنى سەل قۇرىغاندىن كېيىن ،نېپىز بىر قەۋەت تېرە سىلىقلاش مەلھىمىنى سۈرىۋالسا ، تېرە تاتارغان ھالەتتىن سەل قىزارغان ھالەتكە كېلىدۇ. قىزىلچا بولمىسا ، ئانار ياكى ئالۇچىنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.

2.ئەگەر يۈزدىكى سەپكۈننى چۈشۈرمەكچى بولسا، يېڭى سەۋزىنى ئېزىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ، ھەر كۈنى ئەتتىگەن ۋە كەچتە يۈزگە سۈرۈپ، قۇرىغاندىن كېيىن ئۆسۈملۈك مېيى سۈرتۈلگەن قولياغلىق بىلەن سەپكۈن بار جاينىڭ ئۇرسا بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى كۈندە بىر ئىستىكان سەۋزە شىرنىسى ئىچسە، تېرىنى ئاقارتىش رولىنىمۇ ئوينايدۇ.

3.يۈزدىكى قارا داغلارنى چۈشۈرمەكچى بولسا، ھەركۈنى ئەتتىگىنى يۈز يۇيۇشتىن ئىلگىرى تەرخەمەك شىرنىسى ياكى لىمون شىرنىسىنى يۈزگە سۈرسە ھەمدە ئۇنى يۈزدە بىرنەچچە مىنۇت تۇرغۇزسا يۈزدىكى قارا داغلارنى چۈشۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ . 

点击查看源网页

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق