باش بەت>>ساغلاملىق
ئالمىنىڭ ئالاھىدە ئىشلىتىش يوللىرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نىجات ۋەلى ياقۇپ | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-28 19:37:07

 

 

ئالمىدىن پايدىلىنىپ ياڭيۇنى ساقلاش . ساقلىماقچى بولغان ياڭيۇنى قەغەز ساندۇققا قاچىلاپ، بىر نەچچە تال يېڭى ئالمىنى سېلىپ ئاغزىنى ھىم يېپىپ سالقىن جايدا قويۇپ قويساق بولىدۇ.

1.ئالما ئۆزلىگىدىن پۇراق چىقىرىپ ، بىللە قويۇپ قويغان ياڭيۇنى يېڭى پېتى ساقلىنشىغا پايدىلىق.

2.ھالگا دۈدۈت بىلەن ئالمىنى ئارلاشتۇرۇپ قاچىلاپ 7-5 كۈن ئىچىدە ھالگا دۈدۈتنىڭ پۇرىقىنى يوقيدۇ .

3.تولۇق پىشمىغان بانان ۋە يېرىمتال ئالمىنى سۇلياۋ خالتىغا قاچىلاپ ئاغزىنى ھىم قىلىپ بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن خام بانان پىشىدۇ.

4. ئاليومىن قازاننى ئىشلەتكەن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى قازان ئىچى قارىداپ كېتىدۇ. يېڭى ئالما شۆپۈكىنى قازانغا سېلىپ مۇۋاپىق مىقتاردا سۇ قۇيۇپ 15مىنوت قايناتقاندىن كېيىن پاكىز سۇ بىلەن يۇيىۋەتسەكلا قازان پارقىراپ كېتىدۇ.

5. ھەر كۈنى ئاز دېگەندە بىر تال ئالمىنى ئاخلىمايلا يەپ بەرسە شېكەر سىيىش كېسىلى ، قان تومۇرلار قېتىشىش ، بوغۇم ياللۇغى ۋە ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

6.ئەتتىگەن كەچتە ئالما يەپ بېرىش ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ قەۋزىيىتىنى ياخشىلايدۇ.

7.ھەركۈنى تاماقتىن بۇرۇن ئالما يەپ بىرىش ئاياللارنىڭكى زىلۋا بەدەن ۋە ياخشى تېرىنى ساقلىشىغا پايدىلىق

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق