باش بەت>>ساغلاملىق
يېمەكلىكلەر ئارقىلىق ھۆسن تۈزەش ئۇسۇللىرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نىجات ۋەلى ياقۇپ | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-28 19:14:01

1. تۇخۇم ئېقى بىلەن ھۆسن تۈزەش ئۇسۇلى: تۇخۇم ئېقىنى يۈزگە سۈركەش ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ھۆسن تۈزەش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. بۇنىڭدا ھەركۈنى ئاخشىمى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ، تۇخۇم ئېقىنى يۈزدىكى قورۇق چۈشكەن جايلارغا سۈرۈپ ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن سۇ بىلەن يۇيۇۋەتسە بولىدۇ.

2.  ھەسەل بىلەن ھۆسن تۈزەش ئۇسۇلى: ھەسەلگە سۇ قوشۇپ 3-2 ھەسسە سۇيۇلدۇرغاندىن كېيىن ھەر كۈنى يۈزگە سۈرسە، تېرىنى پارقىراق ۋە يۇمشاق قىلىپ، قورۇقنى ئازايتىدۇ.ئەگەر يەنمەيپىئەن (سۇلۇدىن ياسالغان يېمەكلىك)، تۇخۇم ئېقى ۋە ھەسەللەرنى ئارلاشتۇرۇپ ماي ياساپ يۈزگەسۈرسە، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.يۈزگە سۈرگەندىن كېيىن ، يۈزنى 10 مىنوت يىنىك ئۇۋۇلىسا، ھەسەلدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەر تېرە ھۈجەيرىلىرىگە سىڭىدۇ.

3. چاي ۋە شېكەر بىلەن ھۆسىن تۈزەش ئۇسۇلى: پەمىل چاي بىلەن قارا شېكەرنىڭ ھەر قايسىسىدىن ئىككى قوشۇق ئېلىپ، ئۇنىڭغا سۇ قوشۇپ قاينىتىپ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئۇن قوشۇپ ئارلاشتۇرۇپ تەڭشەلگەندىن كېيىن يۈزگە تەكشى سۈركۈلىدۇ، 15 مىنوتتىن كېيىن ، ھۆل لۆڭگە بىلەن پاكىز سۈرتىۋېتىلىدۇ. ھەركۈنى بىر قېتىن سۈرسە، بىر ئايدىن كېيىن ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ. 

4. پەمىدۇر بىلەن ھۆسن تۈزەش ئۇسۇلى: پەمىدۇر شىرنىسىغا ئازراق ئاق ھەسەل ئارلاشتۇرۇپ يۈز، قول ۋە بىلەكلىرىڭىزگە سۈرسىڭىز تېرىڭىز ئاقىرىدۇ ۋە يۇمشاق بولىدۇ.بولۇپمۇ دانىخورەك چىققان يۈزلەرگە ئىشلەتسە يۈزدىكى ماينى تۈگىتىپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

5. ئاق تۇرۇپ بىلەن ھۆسن تۈزەش ئۇسۇلى: ئاق تۇرۇپنىڭ پوستىنى ئېزىپ شىرنىسىنى ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا تەڭ مىقتاردا قايناقسۇ قوشۇپ يۈز يۇسا، تېرە سۈزۈك ۋە سىلىق بولىدۇ.

6. تاۋۇز بىلەن ھۆسن تۈزەش ئۇسولى: تاۋۇز شاپىقى (ئازراق گۆشى بولسا تېخىمۇ ياخشى) نى ياپىلاق قىلىپ كېسىپ، ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش مىنوت، يۈزگە بىۋاستە سۈركەپ، ئاندىن پاكىز سۇ بىلەن يۇييۇۋەتسە تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇش ۋە ئاقارتىش رولىنى ئوينايدۇ.

7. تەرخەمەك بىلەن ھۆسن تۈزەش ئۇسولى :تەخخەمەكنىڭ تېرىنى قورۇش ۋە قورۇق يوقۇتۇش رولى بولۇپ، تېرىسى قارا ئادەملەرگە نىسبەتەن ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇنىڭدا تەرخەمەكنى ئېزىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ پاختىغا مىلاپ يۈزگە سۈرسە بولىدۇ.، قورۇق بار ئورۇنلارغا تەكرار- تەكرار بىرنەچچە قېتىم سۈرۈلىدۇ.

8. كاۋا بىلەن ھۆسن تۈزەش ئۇسولى: كاۋا قورۇق يوقۇتىدىغان ۋە تېرىنى سىلىقلاشتۇرىدىغان ياخشى نەرسە . ئۇنى ئېزىپ شىرنىسىنى چىقارغاندىن كېيىن ،ئازراق ھەسەل ۋە سۇ قوشۇپ يۈزگە سۈرۈپ، يېرىم سائەتلەردىن كېيىن يۇيۇۋەتسە بولىدۇ. بۇنى ھەپتىدە 3-5 قېتىم قىلىش كېرەك.

9. ئاچچىق كاۋا بىلەن ھۆسن تۈزەش ئۇسۇلى: ئاچچىق كاۋىنى ئېزىپ شىرنىسىنى تېرىگە سۈرسە ، ھۆل تەمرەتكىنى يوقىتىپ ، قۇرت ئۆلتۈرىدۇ، تەمرەتكىنى داۋالاپ قىچىشىشنى تۈگىتىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق