باش بەت>>ساغلاملىق
تۇرۇپ قالغان قورۇمىلارنى يېمەڭ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-03 17:30:18

 

 

تۇرۇپ قالغان قورۇما بىركېچە تۇرۇپ قالغان قورۇمىلارنىلا كۆرسەتمەستىن، يەنە تۇرۇپ قالغان ۋاقتى سەككىز، ئون سائەتتىن ئاشقان قورۇمىلارنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
تۇرۇپ قالغان يېشىل يوپۇرماقلىق قورۇمىلار. ئادەتتە نىترات كىسلاتا تۇزلىرى پېلەكلىك كۆكتاتلاردا مول، كاۋا – قاپاق تۈرىدىكى كۆكتاتلاردا ئازراق، يىلتىز غوللۇق كۆكتاتلار ۋە چېچىكى ئىستېمال قىلىنىدىغان كۆكتاتلاردا ئۇنىڭدىنمۇ ئازراق بولىدۇ. شۇڭا ئالدى بىلەن چوڭ يېسىۋىلەك ۋە پالەك قاتارلىق يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى يېيىش، ئەگەر ئەتىسىمۇ ئىسسىتىپ يېيىش ئۈچۈن كۆپرەك قورۇما تەييارلاشقا توغرا كەلسە، ئامال بار پېلەكلىك كۆكتاتلارنى ئازراق كاۋا – قاپاق تۈرىدىكى كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىشلىتىش كېرەك.
تۈنەپ قالغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بۆرەك ۋە جىگەرگە زىيانلىق. قىسقۇچپاقا، بېلىق ۋە راك تۈرىدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تۇرۇپ قالسا ئاقسىلنى پارچىلىغۇچى ماددىلار ھاسىل بولۇپ، جىگەر ۋە بۆرەك ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ئەگەر دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى كۆپرەك سېتىۋالساق يېڭى پېتى ساقلاش خالتىلىرىغا ياكى يېڭى پېتى ساقلاش قۇتىلىرىغا سېلىپ توڭلاتقۇدا توڭلىتىپ ساقلىساق بولىدۇ.
چالا پىشقان تۇخۇم ئاسانلا كېسەل پەيدا قىلىدۇ. نۇرغۇن كىشى سېرىقى يۇمشاق بولىدىغان چالا پىشقان تۇخۇمنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما بۇنداق تۇخۇمدا باكتېرىيەلەر تولۇق ئۆلمىگەننىڭ ئۈستىگە، باكتېرىيىلەر ناھايىتى ئاسانلا كۆپىيىدىغان بولغاچقا، بۇنداق يېيىش خەتەرلىك.
ئاق قىرىنقۇلاق ۋە گۈمبەمەدەكتىن ھەزەر ئەيلەڭ. ئاق مور ۋە گۈمبەمەدەك قاتارلىقلارنىڭ مەيلى ياۋىسى بولسۇن ياكى سۈنئىي ئۇسۇلدا يېتىشتۈرۈلگىنى بولسۇن ھەممىسىدە ناھايىتى ئاسانلا نۇرغۇن نىترات كىسلاتا تۇزلىرى ساقلىنىپ قالغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇزاقراق تۇرۇپ قالغانلىرىنى يېيىشكە بولمايدۇ.
شورپىنى مېتال قاچا – قۇچىلاردا ساقلىماڭ. بەزى كىشىلەر ئېشىپ قالغان شورپىلارنى ئاليۇمىن قاچا ياكى تۆمۈر قاچىلاردا ساقلايدۇ، ئەگەر بۇنىڭ ساقلىنىش ۋاقتى ئۇزارسا، ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بەزى ماددىلار ھاسىل بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا شورپىنى ساقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى شورپىغا تۇز تۈرىدىكى تېتىتقۇلارنى سالماسلىق، ئېشىپ قالغان شورپىنى ساپال قاچا ياكى بىخەتەرلىك قۇتىسىغا قۇيۇپ توڭلاتقۇدا ساقلاش كېرەك.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق