باش بەت>>ساغلاملىق
ھامىلدارلار مىكروبقا تاقابىل تۇرۇش سوپۇنىنى ئاز ئىشلىتىشى كېرەك
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-03 17:37:12

 

 

مۇتەخەسىسىلەرنىڭ تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، ھامىلدارلار مىكروبقا تاقابىل تۇرۇش سوپۇنىنى كۆپ ئىشلەتسە ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار ئامېرىكا نيۇيورك شەھىرى برۇكلىن رايونىدىكى 184 ھامىلدارنىڭ سۈيدۈكى ۋە كىندىك بېغىدىن قان ئېلىپ تەكشۈرگەن. سۈيدۈك ئەۋرىشكىسىدە مىكروبقا تاقابىل تۇرۇش دورا بىرىكمىلىرىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. بۇنىڭدىن سىرت %50 تىن ئارتۇق كىندىك بېغى قان ئەۋرىشكىسىدىمۇ مىكروبقا تاقابىل تۇرغۇچى دورا بىرىكمىسى ترىلوسان بار بولۇپ، بۇ خىمىيەلىك ماددا ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلدارلار مىكروبقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان سوپۇن قاتارلىق نەرسىلەرنى ئاز ئىشلىتىشى كېرەك ئىكەن.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق