باش بەت>>ساغلاملىق
يانفون ۋە سالامەتلىك
مەنبەسى:ئىز تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-26 16:06:28

 

ھازىر يانفون ئىشلىتىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئەمما يانفوننى ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولمسا ئاز_تولا زىياننىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا يانفوننى ئىشلەتكۈچىلەر ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە ئاسراشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. يانفوننى ئىشلىتىش ھەممىلا ئادەمگە مۇۋاپىق كېلىۋەرمەيدۇ. ئادەتتە يانفوننىڭ ئېلېكتر ماگىنىت دولقۇنى يۈرەك مۇسىكۇللىرىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك جەريانىغا تەسىر قىلىدۇ. شۇڭلاشقا يۈرەك كېسلى بارلار يانفوننى ئىشلەتسە مۇۋاپىق بولمايدۇ. يانفوننى خالغان جايغا قويۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. تېلېفوننىڭ ئىچىكى قىسمى ئادەتتىكى تېلېفونلارنىڭ رولىنى ئويناپلا قالماستىن، يەنە بىر خىل كىچىك تپتىكى تارقاتقۇچى رولىنىمۇ ئوينايدۇ.شۇڭلاشقا تېلېۋىزور، رادىئو، كومپيۇتېر قاتارلىقىلارنىڭ يېنىغا قويۇشقا بولمايدۇ. ئىشكاپلارنىڭ ئىچىگە، سىن ئەينەكنىڭ ئىچىگە قويۇشقا بولمايدۇ. يانفوننى ئىشلەتكەندە، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش كېرەك، ئىشلىتىش چەكلەنگەن رايونلاردا مەسىلەن. ئايروپلاندا، پارتىلىتىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەيدانلاردا، ئاسان پارتلاپ ئوت ئالىدىغان جايلاردا سىگىنال ئاسان بۇزۇلىدۇ. يانفوننى مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، سالامەتلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. يانفوننىڭ يۇقىرى چاستوتىلىق ئېلېكتر ماگىنت دولقۇنى ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بولۇپ، ئامال بار ئىشلىتىش قېتىم ساننى ئازايتىش، سۆزلىشىش ۋاقىتىنى قىسقارتىش كېرەك. ھەر كۈنى ئىشىلىتىش ۋاقتى 30 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. دائىم ئىشلىتىدىغانلار ئەگەر ئىچى ئېلىشىش، بېشى ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنتۇغاقلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، باشقا كېسەللەر يوقلۇقى تەكشۈرۈپ چىقىلسا، بىر ھەپتە ياكى ئىككى ھەپتە توختاپ ئىشلىتىش لازىم.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق