باش بەت>>ساغلاملىق
بەدىنڭىزنىڭ «خىزمەت ۋاقتى» توغرىمۇ؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-26 16:11:21

ھازىر خىزمەت بېسىمىنىڭ كۈچىيىشى، رىتىمىنىڭ تېزلىشىشى، جۈملىدىن ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىققا بولغان تونۇشى ئۆزگەرمەكتە. كىشىلەر خىزمەت، تۇرمۇشىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇشقا مىسلىسىز كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. يېقىندا بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمە كۈچەيدى. شۇنداقلا مۇتەخەسسىسلەرمۇ بۇ جەھەتتە ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جۇڭگو ۋە غەرب تېبابىتىدە ھەر بىر ئادەمنىڭ بىيولوگىيەلىك سائىتى ئوخشىمايدۇ، شۇڭا مەشغۇلات قانۇنىيىتىنى ئىمكانقەدەر ساقلاش، ماس كەلتۈرۈشكە ئۆلۈك ھالدا ئېسىلىۋالماسلىق كېرەك، دەپ قارىلىدۇ.

يېقىندا توردا بەدەن ئەزالىرىنىڭ كەچ سائەت 9 دىن ئەتىگەن سائەت 9 غىچە بولغان خىزمەت ئىقتىدارى خاتىرىلەنگەن ‹‹بەدەن ئەزالىرىنىڭ خىزمەت ۋاقىت جەدۋىلى›› تارقالدى. بۇ ۋاقىت جەدۋىلىنىڭ ئىلمىي ئاساسى بارمۇ – يوق؟ ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە كىشىلەر كۈندىلىك مەشغۇلاتىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرغاندا تېخىمۇ ساغلام ياشىيالايدۇ؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن مۇخبىر جۇڭگو ۋە غەرب تېبابىتى مۇتەخەسسىسلىرىنى زىيارەت قىلغان.

توردا تارقىلىپ يۈرگەن بەدەن ئەزالىرىنىڭ خىزمەت ۋاقتى توغرىمۇ؟

ئۇنىڭ ئىلمىيلىكى بار، ئەمما كۆپتۈرۈۋېتىلگەن ۋە توغرا بولمىغان تەرەپلەر مەۋجۇت

توردا تارقىلىپ يۈرگەن بەدەن ئەزالىرىنىڭ خىزمەت جەدۋىلىدە: «ئادەتتە تاماكا چەككۈچىلەرنى ئەتىگەندە بەكرەك يۆتەل تۇتىدۇ، يىغىلىپ قالغان كېرەكسىز ماددىلارنىڭ چىقىپ كېتىشىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىق ئۈچۈن، بۇنداق چاغدا يۆتەل توختىتىش دورىسىنى ئىچمەسلىك كېرەك»، «سەھەر سائەت 7دىن 9غىچە بولغان ۋاقىت كىچىك ئۈچەينىڭ كۆپ مىقداردا ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىدىغان ۋاقتى، شۇڭا بۇ چاغدا ئەتىگەنلىك تاماق يېيىش كېرەك»، دېيىلگەن،

بۇ قاراشلارنىڭ ئىلمىي ئاساسى بارمۇ – يوق؟

تۇڭجى ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى «دۇڭفاڭ» دوختۇرخانىسى جۇڭگو تېبابىتى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاي چۈنيەن: جۇڭگو تېبابىتى نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، سەھەر سائەت 3تىن 5كىچە بولغان ۋاقىت ھاۋا – قاننىڭ ئۆپكىگە ئاقىدىغان ۋاقتى، بۇ ۋاقىتتا ئادەم بەدىنى ئېغىر ئۇيقۇ ھالىتىدە بولىدۇ، بۇ پۈتۈن بەدەندىكى ھاۋا ۋە قاننى تەقسىملەشكە پايدىلىق. ئەگەر تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ ئۆپكە ئىقتىدارى ۋە ئاساسىي نەپەسلىنىش رولى ئاجىزلاشقان بولسا، ئەتىگەندە كۆپ يۆتىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، دېدى.

جاڭ چۈنيەن ئەتىگەنلىك تاماق يېيىش توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئۇزاق مۇددەت ئەتىگەنلىك تاماق يېمىگەندە بەدەن ئاجىزلىقى ۋە قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا تال ۋە ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارىنى زەئىپلەشتۈرۈپ، ھاۋا – قاننىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، ماغدۇرسىزلىق ۋە دەم سىقىلىشنى پەيدا قىلىدۇ.

ۋۇخەن شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا جۇڭگو تېبابىتى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چۈەن يىخۇڭ مۇنداق دېدى: «قەدىمكى جۇڭگو تېبابىتىدە بەدەندىكى توكسىننى ھەيدەش دېگەن تەلىمات يوق، لېكىن ھازىرقى زاماندىكى بىيولوگىيەلىك سائەت توغرىسىدىكى قاراشلار جۇڭگو تېبابىتىگە بەلگىلىك دەرىجىدە ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ئىچكى ئەزالارنىڭ ھاۋا – قان مەشغۇلاتى تەبىئەتنىڭ دەۋرىيلىنىش ۋاقتى بىلەن تەڭ قەدەمدە بولىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ كۈندىكى ھاۋا – قان ئايلىنىشىنىڭ ئاجىزلىشىشى ياكى كۈچىيىشى تومۇر، پەللىلەرنىڭ ئېچىلىپ يېپىلىشى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك».

«ئەگەر توردا دېيىلگەنلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىنسا، سالامەتلىككە پايدىلىق. لېكىن توردىكى قاراشلاردا كۆپتۈرۈۋېتىلگەن، ھەتتا توغرا بولمىغان تەرەپلەرمۇ بار. مەسىلەن: جىگەر ئەمەلىيەتتە ئىزچىل خىزمەت قىلىدۇ، توردا دېيىلگەن كەچ سائەت 11 دىن سەھەر سائەت 1 گىچە بولغان ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ توكسىن ھەيدەيدۇ. سەھەر سائەت 3تىن 5كىچە بولغان ۋاقىت بەدەندىكى مەنپىيلىك بىلەن مۇسبەتلىك ئالمىشىدىغان، ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولىدىغان ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ، بۇ چاغدا يۆتەل دورىسىنى ئىشلەتسە بولمايدۇ دېگەن قاراش تازا مۇۋاپىق ئەمەس. جۇڭگو تېبابىتىدە مەنپىيلىك بىلەن مۇسبەتلىك، بەش ئېلېمېنت، ئەزالار، قان – يەل قاتارلىقلار توغرىسىدىكى نەزەرىيەلەر بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ھازىرقى زاماندىكى بىيولوگىيە سائىتى نەزەرىيەسىنى يالغۇز بىرلا خىل نەزەرىيە ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش توغرا ئەمەس».

بەدەندىكى بىيولوگىيەلىك سائەتنى ئۆزگەرتىش زىيانلىقمۇ؟

ھەر بىر ئادەمنىڭ بىيولوگىيەلىك سائىتى ئوخشىمايدۇ، يورۇقلۇق قاتارلىق تەسىرلەردىن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، لېكىن بىيولوگىيەلىك سائەت دائىم قالايمىقانلاشسا، ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

لى مىڭجې مۇنداق دېدى: ھەر بىر ئادەمنىڭ بىيولوگىيەلىك سائىتى ئوخشىمايدۇ، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ، ئادەتتە 23 سائەتتىن 25 سائەتكىچە بىر دەۋر ھېسابلىنىدۇ. يورۇقلۇق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بىيولوگىيەلىك سائەت شەكىللەندۈرۈشىدىكى ئاساسلىق سىگنالى. بىيولوگىيەلىك سائەت ئۆز – ئۆزىنى تەڭشەش سىستېمىسى بولۇپ، بەدەن بىلەن سىرتقى مۇھىتنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرىدۇ؛ سىرتقى مۇھىت يەنە يورۇقلۇق، يېمەكلىك قاتارلىق غىدىقلىغۇچى سىگناللار ئارقىلىق بىيولوگىيەلىك سائەت بىلەن سىرتقى مۇھىتنى ماسلاشتۇرىدۇ.

جاڭ چۈنيەن مۇنداق دېدى: «تۇرمۇش رىتىمىنى ئۆزگەرتكەندە بەدەندىكى ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارى ئۆزگىرىدۇ – دە، بىيولوگىيەلىك سائەت تەسىرگە ئۇچراپ قالايمىقانلىشىدۇ. بىئولوگىيەلىك سائەت دائىم قالايمىقانلاشسا، كىشى ئاسانلا ئاغرىپ قالىدۇ، تىز قېرىيدۇ ياكى ئۆلۈپ كېتىدۇ. بەزىلەرنىڭ بىيولوگىيەلىك سائىتى نەچچە ئون يىلدىمۇ نىسبەتەن تۇرغۇنلۇقنى ساقلىيالايدۇ، ئۇلارنىڭ بىيولوگىيەلىك سائىتى نورمال رىتىمدا بولغاچقا، سالامەتلىك ئەھۋالى زىيانغا ئۇچرىمايدۇ. شۇڭا ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ قانۇنىيىتىگە ماس كېلىدىغان كۈتۈنۈش ئۇسۇلى تەشەببۇس قىلىنىدۇ: بىرىنچى، بىيولوگىيەلىك سائەتكە ماسلىشىش، بىيولوگىيەلىك سائەتنىڭ <دەل> بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئىككىنچى، بىيولوگىيەلىك سائەتنى ئاسراش، ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلۈش؛ ئۈچىنچى، بىيولوگىيەلىك سائەتنى <رېمونت قىلىپ تۇرۇش>، بىيولوگىيەلىك سائەت خاتا مېڭىپ قالغاندا ۋاقتىدا ئوڭشاش كېرەك».

قانداق مەشغۇلات قىلغاندا ساغلام بولغىلى بولىدۇ؟

قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر كۈنىگە يەتتە سائەتتىن توققۇز سائەتكىچە ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، بىيولوگىيەلىك سائەتنىڭ تۇرغۇنلۇقىنى ساقلاش، تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ماسلىشىش ۋە ھەرىكەت قىلىش بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش ياخشى كۈتۈنۈش ھېسابلىنىدۇ.

جاڭ چۈنيەن: تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ماسلىشىش ۋە ھەرىكەت قىلىش بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش ياخشى كۈتۈنۈش ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا كىشىلەر مىجەز – تەبىئىتى، بەدەن ئەزالىرىنىڭ قان – يەل مۇسبەت – مەنپىيلىكىنى ئوخشاشمىغان جاي، ئوخشاشمىغان ۋاقىتقا قاراپ مۇۋاپىق تەڭشەپ تۇرغاندىلا، بەدەن ساغلاملىقىنى ياخشىلىيالايدۇ، دېدى.

كونكرېت قانداق مەشغۇلات قىلىش كېرەك؟ لى مىڭجيې: كىشىلەرنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ، بۇنىڭدا بىر تۇتاش ئۆلچەم يوق. قۇرامىغا يەتكەن ساغلام كىشىلەر يەتتە سائەتتىن توققۇز سائەتكىچە ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، دېدى.

جاڭ چۈنيەن: كۈندىلىك مەشغۇلات ۋە ئۇيقۇ رىتىملىق بولۇشى، ھەر كۈنلۈك ئۇخلاش، ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتى ئاساسەن تۇراقلىق بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ماسلىشىش، بەك كېيىن ئۇخلىماسلىق، بەك كېيىن تۇرماسلىق، ئورگانىزمنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە قان، يەلنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، دېدى.

خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ئۇزاق مۇددەت كېچىدە خىزمەت قىلىدىغانلار ساغلاملىققا بولغان زىياننى قانداق قىلغاندا ئازايتالايدۇ؟ ۋۇ يىچۈن مۇنداق دېدى: كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ كېچە بىلەن كۈندۈزى ئالمىشىپ قالىدۇ، ئۇلار خىزمەت ۋاقتىغا ئاساسەن، مەشغۇلات قانۇنىيىتىنى تەڭشەپ، بەدەننى ئىمكانقەدەر ئەڭ ياخشى ھالەتتە ساقلاش كېرەك. ئۇيقۇنى مۇۋاپىق تولۇقلىشى، ۋاقىت چىقسىلا مۈگدىۋېلىشى، مۇۋاپىق دەم ئېلىشى، سۇيۇق – سەلەڭ غىزالىنىشى، «ئۇيقۇ كەلتۈرۈش»نى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق