باش بەت>>ساغلاملىق
روھىي ساغلاملىقنىڭ ئۆلچىمى
مەنبەسى:ئىز تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-26 16:18:11

ئادەتتە روھىي ساغلاملىق نورمال ئەقىل-پاراسەت ، كۈچلۈك ماسلىشىش ئىقتىدارى ، خۇسال كەيپىيات ، تولۇپ تاشقان يوشۇرۇن ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشنى ئۆلچەم قىلىدۇ . يۇقىرىدىكى بۇ ئۆلچەملەر تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ :

1. ئۆگىنىش ۋە خىزمەتكە ماھىر بولىشى ، ئەقلىي ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ، ئىشەنچ ۋە ئىرادە بىلەن ئەڭ چوڭ نەتىجىگە ئېرىشىش .

2. بىر خىل خەتەرلىك ھەرىكەتكە يولۇققاندا چېكىنمەي باتۇرلارچە ئاقىلانىلىك بىلەن زىممىسىگە ئېلىش .

3. چوڭ ئىشلار ياكى قاتتىق سىناقلارغا دۇچ كېلىشتىن ئىلگىرى دەككە-دۈككىدە بولماي ، ئىشنى قول ئۇچىدىلا قىلماي، قايتا-قايتا ئويلىنىپ ، كاللىنى سەگەكلەشتۈرۈپ مۇكەممەل تەدبىر قوللىنىش .

4. باشغقىلارنىڭ گېپىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش ، ھەر قانداق سەت ئاڭلانسىمۇ ، گېپىنى بۆلمەسلىك ياكى باشقىچە ئىپادە بىلدۈرمەسلىك .

5. باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشىشتىكى مەقسەت قارشى تەرەپنى يېڭىش بولماستىن ، بەلكى باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگىنىپ ، ئۇلانىڭ كەمچىللىكىنى تونۇش ، ئۆزىنى ئلھاملاندۇرۇپ جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەش .

6. مۇھىتقا ماسلىشالمىغاندا ھەتتا ئوڭۇشسىزلىققا ، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىمۇ ئۈمۈدسىزلەنمەي ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئۈمۈدۋار بولۇش.

7. كۈندىلىك تۇرمۇشتا خۇشال كەيپىيات بىلەن ئۈمۈدۋار ياشاش .

8. ئۆزى نەتىجە قازانغاندا ، كەمتەر بولۇش. ئۆزىدە كەمچىللىك ياكى يېتەرسىزلىك كۆرۈلگەندە دەرھال تۈزىتىش ، دادىللىق بىلەن بەشقىلاردىن كەچۈرۈم سورىيالايدىغان بولۇش

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق