باش بەت>>ساغلاملىق
ساغلام ئورۇقلاشنىڭ ئۇسۇلى
مەنبەسى:ئىز تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-26 15:38:44

ئورۇقلاشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل يەنىلا ھەرىكەت قىلىش. ئۇنداقتا ئادەتتە قايسى خىل ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ؟ بۇنى بىلمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى 4 نۇقتىغا دىققەت قىلىڭ:

1. ئارغامچا سەكرەش.

ئوكسېگىنلىق ھەرىكەت تەبىئىي ھالدا ئارغامچا سەكرەشتىن ئايرىلالمايدۇ. ئارغامچا سەكرەش بىر خىل يۇقىرى سىجىللىقتىكى ھەرىكەت بولۇپ، بىز سەكرەش جەريانىدا بەدىنىمىزدىكى مۇسكۇللار چىڭقىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئىككى قولىمىزنىڭ تەۋرىنىشىگە ماسلىشىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا مەشىق قىلىش بەدەندىكى ياغنىڭ كۆيۈشىگە ياردىمى بولۇپلا قالماي يەنە بىلەك، ساغرا ھەمدە پۇت مۇسكۇللىرىنىڭ چېنىقىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. مەشىق قىلىش جەريانىدا چوقۇم نەپەسلىنىش تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىشىمىز كېرەك.

2. بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش گىمناستىكىسى.

ئوكسېگىنلىق بەدەن ساغلاملىق گىمناستىكىسى قىزلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. چۈنكى بۇ خىل چېنىقىش ئۇسۇلى مەشىق قىلىش ۋاقىت ياكى ئورۇن چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. چېنىقىش ئۆيىدە تېرىنىرنىڭ يېتەكلىشىدە ياكى ئائىلىدە پىلاستىنكىغا قاراپ مەشىق قىلساقمۇ بولىدۇ. ئوكسېگىنلىق چېنىقىش گىمناستىكىسىنىڭ تۈرلىرى بىر قەدەر كۆپ. مەيلى لاتىن گىمناستىكىسى بولسۇن ۋە ياكى زور كۈچ سەرپ قىلىندىغان گىمناستىكا بولسۇن ھەممىسنىڭ بەدەندىكى ياغنى كۆيدۈرۈش ۋە ئەۋرىشىملىكنى ساقلىشىمىزىغا ياردەم بېرىدۇ. مەشىق قىلغاندا ئازراقمۇ زېرىكىش ھېس قىلمايسىز، ئۇزۇن مۇددەت مەشىق قىلغۇچىلارغا زور پايدىسى بار.

3. تېز مېڭىش.

ئەلۋەتتە يول مېڭىپمۇ ئورۇقلىغىلى بولىدۇ. ئەگەر يۈگۈرۈشنى ياقتۇرمايدىغانلار، تېز مېڭىشنى تاللىسمۇ ئىسسىقلىق مىقدارنى سەرپ قىلىشقا ياردىمى بولىدۇ. تېز مېڭىش ھەر خىل بەدەن ساپاسىدىكى كىشىلەرگە ماس كېلىدىغان چېنىقىش ئۇسۇلى. ھەر كۈنى يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتا تېز مېڭىشنى مەشىق قىلىپ بەرسە، كۆرۈنەرلىك ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىخەتەرلىكى كۈچلۈك بولۇپلا قالماي يەنە بەدەنگىمۇ زىيان ئېلىپ كەلمەيدۇ. بىز مەشىق قىلىش ۋاقىتىنى كۆپەيتىش ۋە سۈرئىتنى ئاشۇرۇش بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە بولالايمىز.

4. سۇ ئۈزۈش.

سۇ ئۈزۈشمۇ بىر خىل تىپىك ئوكسېگىنلىق ھەرىكەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بىزنىڭ تېخىمۇ راۋان بولغان بەدەنگە ئىگە بولىشىمىز. سۇنىڭ بېسىم كۈچى ۋە لەيلەش كۈچىمۇ ناھايىتى ياخشى ئۇۋىلاش رولىنى ئوينايدۇ. سۇ ئۈزۈشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان پايدىسى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، يۈرەك ئكپكە ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ. بوغۇملار ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمايدۇ. ئوخشىمىغان سۇ ئۈزۈش شەكلى بىزنىڭ ھەر بىر مۇسكۇلىمىزنى ئالاھىدە چېنىقتۇرىدۇ. شۇنىڭدەك بۇمۇ ناھايىتى قىزىقارلىق چېنىقىش ئۇسۇلى.

5. تېننىس توپ.

توپ تۈرىدىكى چېنىقىش ئۇسۇلى ئىزچىل ئالقشىقا ئېرىشىپ كەلمەكتە. تېننىس توپمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالاھىدە بىر تۈر بولۇپ بۇنىڭ بەدەندىكى ياغنىڭ كۆيۈش ۋە بەدەن ئەۋرىشىملكىنى ساقلا رولى ناھايىتى چوڭ. تېننىس توپ ئويناش كۈچ سەرپ بولىدىغان ھەرىكەت بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىمۇ زور مىقداردىكى ئىسسىقلىق مىقدارنى ئازايىتقىلى بولىدۇ. تېننىس توپ ئوينىغاندا، كۆز، بەدەن ھەمدە كاللىمىز ئومۇميۈزلۈك ماسلىشىشى لازىم. رىقابەتلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان چېنىقىش ئۇسۇلى بولۇپ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرىكەت قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. تېننىس توپ ئويناشنى داۋاملاشتۇرغاندا بەدەننىڭ ساغلام ۋە ئەۋرىشىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق