باش بەت>>ساغلاملىق
ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر يېمەك – ئىچمەكتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-10-01 17:16:43

 

ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم

ئادەمنىڭ ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلى بەدەننىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئىقتىدارى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن، شۇنىڭدەك قېرىش دەۋرىگە قەدەم بېسىش ئالدىدىكى ئۆتكۈنچى باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە بەدەندىكى ھەر قايسى ئەزالاردا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۇستىگە تۇرمۇش ۋە خىزمەت رىتىمىنىڭ تېزلىشىشى تۈپەيلىدىن، ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغان كىشىلەر فىزىئولوگىيە ۋە پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردىن ئىنتايىن چوڭ بېسىمغا بەرداشلىق بېرىشكە توغرا كېلىدۇ، يۇقارقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ مەزگىلدە يەنە ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش مۇمكىنچىلىكىمۇ نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەزگىلدىكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ بەدەن ساغلاملىقىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان بىر يۈرۈش يېمەك – ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندە، بەدەننى كۈچەيتىش، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، قېرىلىشىش ۋە ئۆمۈرنى ئۇزارتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئۇنداقتا ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر يېمەك – ئىچمەكتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

1.قارا ئاشلىقنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.

قارا ئاشلىقنىڭ تەركىبىدە ئادەتتە ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار، يېمەكلىك تالالىرى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، بىراق ئاقارتقۇچى خۇرۇچ قېتىلغان دانلىق زىرائەت يېمەكلىكلىرى تەركىبىدە بىر قىسىم ئوزۇقلۇق ماددىلار زىيانغا ئۇچرايدىغان بولغاچقا، بۇ خىل ئاقارتقۇچى خۇرۇچ قېتىلغان يېمەكلىكلەرنى ئامال بار كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

2. يىڭى كۆكتات ۋە مېۋە – چىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.

كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە مول مىنېرال ماددىلار، ۋىتامىن ۋە يېمەكلىك تالالىرى بولىدۇ، بولۇپمۇ يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلاردا ۋىتامىن C ۋە كاروتىن نىسبەتەن كۆپرەك بولىدۇ، ئەمما ھەر خىل كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ مىقدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىستېمال قىلىدىغان كۆكتاتلارنىڭ تۈرلىرى كۆپرەك بولغىنى ياخشى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق