باش بەت>>ساغلاملىق
پەسىل ئالمىشىش مەزگىلىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللەر ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-10-01 16:42:04

 

1. زۇكام

كۈز پەسلىدە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۇراقسىز ھەم تېز ئۆزگىرىپ تۇرغاچقا، كىشىلەر ئاسانلا زۇكام بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا«سوغۇققا ماسلىشىش چېنىقىشىنى باش كۈزدىن باشلاش» قانۇنىيىتى بويىچە چېنىقىشنى بالدۇرراق باشلاش، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن كىيىنىشنى تەڭشەپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش، زۇكام بولۇپ قالغاندا داۋالىنىش، كۈتۈنۈش ۋە ئارام ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

2 . كاناي (كېكىردەك) ياللۇغى

سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي (كېكىردەك) ياللۇغى كۈز پەسلىدە كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملىنىشتىن پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارىتا سەزگۈرلۈكى يۇقىرى، ماسلىشىشچانلىقى ناچار بولىدۇ، تەكرار قوزغىلىدۇ، ئاسان ساقايمايدۇ، شۇڭا داۋالاشقا ئاكتىپ ماسلىشىش كېرەك. كۈز پەسلىدە يوپۇرماقلار غازاڭ بولىدىغان، ئوت – چۆپلەر قۇرۇيدىغان بولغاچقا، ھاۋادىكى زىيادە سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرغۇچى ماددىلار كۆپىيىدۇ، بۇمۇ كاناي ياللۇغىنى قوزغايدىغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئامال بار زىيادە سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرغۇچى ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، ياخشى روھىي كەيپىيات ئارقىلىق ئورگانىزملارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ۋە قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئىس – تۈتەك ۋە چاڭ – توزانلىق بۇلغىنىشنى يوقىتىپ مۇھىتنى ياخشىلاش كېرەك.

3 . ئاشقازان كېسىلىنىڭ تەكرار قوزغىلىشى

كۈز پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن بەدەن سوغۇق ھاۋانىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراپ، قاندىكى گىستامىن كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئېشىپ كېتىدۇ، يەنە ئاشقازان ۋە ئۈچەيدە سپازمىلىق تارىيىش يۈز بېرىپ، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچى ۋە كىلىماتقا ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ھاۋانىڭ سوۋۇشى بىلەن ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى ئېچىلىپ ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ يۈكى ئارتىپ بارىدۇ. شۇڭا ئاشقازان كېسىلى بارلار بەدەننى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىش بىلەن مۇۋاپىق دەرىجىدە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق ئاشقازان، ئۈچەينىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، كېسەلنىڭ قايتا قوزغىلىش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىش، يېمەك – ئىچمەكنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا دىققەت قىلىش، تاماقنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ قېتىم سانىنى كۆپەيتىش، ھاراق – تاماكىغا يولۇماي، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

4 . بوغۇم ياللۇغى

كۈز پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ئادەمنىڭ ھۆل ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدۇ ھەم سوغۇقنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ بىلەن تاشقى بەدەننى ئاسانلا سوغۇق قاپلاپ بوغۇملار ئاغرىش يۈز بېرىدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدە سوغۇقتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش، بولۇپمۇ قاتتىق تەرلىگەندىن كېيىن دەرھال سوغۇق سۇ بىلەن ئۇچراشماسلىق ياكى سوغۇق سۇدا يۇيۇنماسلىق، بوغۇم ياللۇغى بارلار يەل ۋە نەملىك پەيدا قىلىدىغان يېمەك – ئىچمەكتىن يىراق تۇرۇش، كىرەش، مىڭپېلەك، دارچىن شېخى ۋە ئېۋكوممىيە قوۋزىقى قاتارلىقلارنى قاينىتىپ سۈيىگە چىلىنىپ، بوغۇم ئاغرىقىغا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق