باش بەت>>ساغلاملىق
ئەرلەر كىچىك تەرەتتىن كېيىن ئۈچ مىنۇت مېڭىپ بېرىشى كېرەك
مەنبەسى:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-10-01 16:45:16

 

خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ نۇرغۇن ئەرلەردە ۋاقتىدا ھاجەتخانىغا چىقالماي، سۈيدۈك قىسىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۈت. لېكىن بۇ ئەرلەرگە پايدىسىز بولۇپ، بىۋاستە جىنسى ئىقتىدارىنى زەخمىگە ئۇچرىتىدۇ.

سۈيدۈك تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان مىكروب بولۇپ، ناۋادا سۈيدۈكنى قىسقاندا، بەدەندىكى مىكروبلار ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىلمەي، سۈيدۈك يولى، دوۋساق، ھەتتا كۆپىيىش ئەزالىرىنى يۇقۇملاندۇرۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

كىچىك تەرەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئولتۇرىۋالماسلىق كېرەك. كىچىك تەرەت قىلىپ بولۇپ ئولتۇرىۋالغاندا قورساقنىڭ بېسىمى ئارتىپ كېتىپ، سۈيدۈكنىڭ تەتۈر ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە مىكروبلارنى ئاسان يىغىۋېلىپ، مەزى بېزى ياللۇغنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئەرلەر كىچىك تەرەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ مىنۇت ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىشى كېرەك.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق