باش بەت>>ساغلاملىق
سول تەرىپىنى بېسىپ ياتسا ...
مەنبەسى:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-10-01 17:30:37

 

بەزىلەر سول تەرپىنى بېسىپ ياتسىلا بېشى قايىدۇ، لېكىن ئۇلار بۇ يەردىكى سەۋەبىنى بىلەلمەي ئەنسىرەپ قالىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر چۈشۈنچە بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قۇلاق تاش ياللۇغىنىڭ ئىپادىسى. ئادەمنىڭ قۇلىقىدا قۇلاق تاش پەردىسى، پەردە ئۈستىدە نۇرغۇن قۇلاق تېشى بولىدۇ، زەخىملىنىش ۋە باشقا كېسەللىكلەر قۇلاق تېشىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. بۇ قۇلاق تاشلىرى باشنىڭ ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ مىدىرلاپ، قۇلاقتىكى لىمفالارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭىگە خاتا تەڭپۇڭلۇق ئۇچۇرى بېرىپ، باش قېيىش ئالامىتىنى پەيدا قىلىدۇ».

مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېدى: «ئادەتتە بۇ خىل باش قېيىش 10 سېكۇنت داۋاملىشىدۇ، باشنىڭ يۆنىلىشى ياكى ئورنى بۇ خىل باش قېيىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، قۇلاق غۇڭۇلداش ۋە كۆز ئالمىسى تىتىرەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش؛ ئەگەر قۇلاق تېشى ياللۇغى بولسا ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئاندىن دورا ئىچىپ داۋالىنىش كېرەك».

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق