باش بەت>>ساغلاملىق
چۈشلۈك ئۇيقۇ
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-10-01 17:32:37

 

تەن ساغلاملىقى نورمال كىشىلەرگە نىسبەتەن، مۇۋاپىق چۈشلۈك ئۇيقۇ ھارغىنلىقىنى يەڭگىللىتىش ۋە زېھنىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق.

ئەمما يېقىندا گېرمانىيەلىك ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بەدەن ئېغىرلىقى%20 ئېشىپ كەتكەن، قان بېسىمى تۆۋەن، قان ئايلىنىشدا توسالغۇ بولغان ئۈچ خىل تىپتىكى كىشىلەر چۈشتە ئۇخلىسا سالامەتلىكىگە زىيان يېتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەر دائىم چۈشتە ئۇخلىسا، ئاسانلا سەمىرىپ كېتىدىكەن ھەم سەمىرىش سۈرئىتى باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا تېز بولىدىكەن. مۇنداق كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى چۈشلۈك تاماقتىن 30~20 مىنۇت بۇرۇن ئازراق ئۇخلىۋالسا، بەدەنگە چوڭ تەسىرى بولمايدىكەن.

قان بېسىمى تۆۋەن كىشىلەر چۈشتە ئۇخلىسا قاننىڭ ئېقىش سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتكەچكە، ئەسلىدىنلا يېپىشقاقلىق دەرىجىسى يۇقىرى قان سۇيۇقلۇقى قان تومۇر دىۋارلىرىدا ئاسانلا نوكچا شەكىللەندۈرۈۋالىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن قان بېسىمى تۆۋەن كىشىلەر چۈشتە پەقەت يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئۇخلاپ ئارام ئالسا مۇۋاپىق بولىدىكەن.

قان ئايلىنىش سىستېمىسىدا ئېغىر دەرىجىدە توسالغۇ بار كىشىلەر، بولۇپمۇ مېڭە قان تومۇرلىرىدا مەسىلە بار ياكى دائىم بېشى قايىدىغان كىشىلەر چۈشتە ئۇخلاشقا ماس كەلمەيدىكەن. مۇنداق كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى چۈشلۈك تاماقتىن بۇرۇن ياكى تاماقتىن كېيىن يېرىم سائەتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ، قايناقسۇ ئىچىپ ئاندىن ئازراق ئۇخلىسا بولىدىكەن. مۇنداق قىلغاندا مېڭە قان تومۇرلىرىدا تاسادىپىي خەتەر كۆرۈلۈپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن.

كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق