باش بەت>>ساغلاملىق
كۈز پەسلىدىكى تېرە ئاسراش ئۇسۇللىرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-10-07 18:01:36

 

كۈز ۋە ئەتىياز پەسلىدە خانىم - قىزلارنىڭ تېرىسى ناھايىتى ئاسان قۇرغاقلىشىپ، يېرىلىپ كېتىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللانسا ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ.

1. سۈت بىلەن ئۇننى ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە، تېرە قۇرغاقلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

2. سۈت بىلەن تۇزنى ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە، يۈزدىكى داغ، دانىخورەك، سۇلۇق قاپارتمىلارنى يوقىتىدۇ.

3. قېتىق بىلەن دۇفۇنى ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرۈپ بەرسە، ئاپتاپتىن كۆيگەن تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

4. قېتىق بىلەن قايماقنى ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرتۈپ 20 مىنۇت تۇرغۇزۇپ يۇيۇۋەتسە ھەمدە بۇنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرسا، يۈزدىكى قورۇقنى يوقىتىدۇ.

5. سۈت بىلەن زەيتۇن مېيىنى ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ.

6. باناننى ئىزىپ سۈت بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە، دانىخورەكنى يوقىتىدۇ.

7. بۆلجۈرگەننى ئىزىپ سۈت بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرتۈپ 20 مىنۇت تۇرغۇزۇپ يۇيۇۋەتسە، تېرە قۇرغاقلاشمايدۇ.

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق