باش بەت>>ساغلاملىق
بالىلارنىڭ چىشىنىڭ رەتسىز ئۆسۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبلىرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-10-23 10:34:38

بالىلارنىڭ چىشى كىچىك ۋاقتىدا رەتسىز ئۆسۈپ قالسا، چوڭ بولغاندا رەتلىمەك تەسكە توختايدۇ. بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ چىشى رەتسىز ئۆسۈپ قالغانلىقتىن، چىراي شەكلىگە تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇنداقلا بۇنىڭ سەۋەبىنى تېپىشقا تىرىشىدۇ. ئۇنداقتا بالىلارنىڭ چىشىنىڭ رەتسىز ئۆسۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ

توغرىسىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابىتى دورىخانىسى ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمىنىڭ ۋىراچى گۈلپىيە مۇنداق دېدى:

ـ ئادەتتە بالىلارنىڭ چىشىنىڭ رەتسىز ئۆسۈپ قېلىشىغا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئامىل بەكرەك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

1. بارمىقىنى شوراش. بەزى بوۋاقلار تۇغۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا بارمىقىنى شورايدۇ. بۇ ئۈستۈنكى چىشنىڭ سىرتقا ئۆسىشى، ئاستىنقى چىشىنىڭ ئىچىگە قاراپ ئۆسىشىنى پەيدا قىلىپ، چىشنىڭ رەتسىز ئۆسۈپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. تىلنى ئويناش. سۈت چىش بىلەن ئۆمۈر چىش چىقىدىغان مەزگىلدە، سۈت چىشنىڭ بوشاپ، ئۆمۈر چىشىنىڭ چىقىشى ياكى قالدۇق يىلتىزنىڭ ساقلىنىش قېلىشى سەۋەبلىك بالىلار دائىم تىلى بىلەن چىش چىقىدىغان ئورۇننى يالايدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تىلنى ئويناش ئادىتى شەكىللىنىپ چىشنىڭ رەتسىز ئۆسۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. نەرسىلەرنى قالايمىغان چىشلەش. چىش چىقىش مەزگىلىدە بالىلار سوسكىسىنى چىشلەشكە ئامراق كېلىدۇ، بۇ خىل ھالەت ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشقاندا چىشنىڭ رەتلىك ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

4. ئاستىنقى كالپۇكنى چىشلەش. ئادەتتە بالىلار بەش ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن كەيپىياتىدا تۇراقسىزلىق كۆرۈلۈپ، كالپۇكنى چىشلەش ئارقىلىق غەمكىنلىكنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنداق ھەرىكەت چىشنىڭ كۆركەم ئۆسۈشىگە بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزىدۇ.

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق