باش بەت>>ساغلاملىق
پاكار بالىلار ئاسان يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ
مەنبەسى:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-13 13:58:02

 

ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ بويىنىڭ پاكار بولۇپ قالغانلىقىنى ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەنلىك ياكى ۋىتامىن كەملىك دەپ قارىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ بويىنىڭ پاكار بولۇپ قېلىشى كېسەللىك تەسىرىدىن بولىدۇ، كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار بالىلاردىمۇ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن، دەل مۇشۇ كېسەللىك بالىلارنىڭ بويىنىڭ پاكار بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنداقتا بۇنىڭ سەۋەبى نېمە ؟

بالىلاردىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى كۆپىنچە بۆرەك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بالىلارنىڭ بويىنىڭ ئۆسمەسلىكىنى بۆرەك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. مەسىلەن، بۆرەكنىڭ يېتىلىشى تۇغما كەمتۈك بولسا ياكى غەيرىي بولسا، كېيىن تەدرېجىي بۆرەك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۆرەك ئىقتىدارى بەلگىلىك دەرىجىدە ئاجىزلىشىپ، يۇقىرى قان بېسىم ۋە بۆرەك زەئىپلىشىش كېسەللىرى پەيدا بولىدۇ.

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق