باش بەت>>ساغلاملىق
ئاچچىقسۇغا ئۈچ نەرسىنى چىلاپ ئىستېمال قىلسىڭىز بىر ئۆمۈر كېسەل بولمايسىز
مەنبەسى:ڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-14 16:14:01

1.قارا پۇرچاقنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ ئىستېمال قىلىش.

مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ بىر ساغلاملىق پروگراممىسىدا 91 ياشلىق بوۋاينى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بوۋاي شۇ ياشتا تۇرۇپمۇ شۇنچىلىك تىمەن تۇرغان، ئەڭ ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى بوۋاينىڭ چىشى تېخىچە چۈشۈپ كەتمىگەن. بۇنىڭ سەۋەبى دەل ئۇنىڭ بۇرۇندىن قارا پۇرچاق ئىستېمال قىلغانلىقىدا ئىكەن.
ماتېرىيال: مۇۋاپىق مىقداردا قارا پۇرچاق بىلەن ئاچچىقسۇ.

تەييارلاش ئۇسۇلى:

1) يۇيۇپ پۈتۈنلەي قۇرىغان قارا پۇرچاقنى قازانغا سېلىپ نورمال ئوتتا قورىيمىز.

2) بەش مىنۇت قورىغاندىن كېيىن مېزىلىك پۇراق بىلەن تەڭ پۇرچاقنىڭ ئېتىلغان ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ. بۇ دەل پۇرچاقنىڭ پوستى ئېتىلىپ چىققان ئاۋازى بولۇپ، بۇچاغدا ئوتنى پەسەيتىپ يەنە بەش مىنۇت قورىيمىز.

3) قورۇپ بولغاندىن كېيىن پۇرچاقنى قاچىغا سېلىپ، ھاۋا ئۆتىشىدىغان جايغا قويۇپ شامالدىتىمىز.

4) شامالداتقان پۇرچاقنى ئاغزى ھىم ئىتىلىدىغان قاچىغا سېلىپ، ئاچچىقسۇنى قۇيىمىز.

5) پۇرچاق ئاچچىقسۇنىڭ ھەممىسىنى سۈمۈرىۋالغاندىن كېيىن، قاچىغا ئۇسۇپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى: بىرلا قېتىمدا كۆپ ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ، بىر قېتىمدا پەقەت ئىككى - ئۈچ تال ئىستېمال قىلىش كېرەك. بۇنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندا ئاندىن ئۈنۈمى بولىدۇ.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق