باش بەت>>ساغلاملىق
بەلغەم دورىسى يېگەندە ئاشقازاننى ئاسراشقا دىققەت قىلىڭ
مەنبەسى:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-15 15:02:01

 

بەلغەم بولسا كاناي، كانايچىنىڭ ئاجرالما ماددىسى بولۇپ، مىقدارى كۆپ ئەمەس. پەقەت ياللۇغ ياكى فىزىكىلىق، خىمىيەلىك، ئەكس تەسىر قاتارلىق ئامىللار، بولغاندىلا ئاندىن زور مىقداردىكى بەلغەم شەكىللىنىپ، يۆتىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. گەرچە بەلغەم دورىسىنىڭ داۋالايدىغىنى نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بولسىمۇ، بىراق نېرىپلار ياكى ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلايدىغان بولغاچقا، ئاسانلا ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، ئاشقازان بىئارام بولۇش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش دېگەندەك. شۇڭا ئاشقازان ياللۇغى، ئىچ سۈرۈش، ئۈچەي ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بەلغەم دورىسىنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش كېرەك. ئەسلىدىلا ئاشقازان ئىقتىدارى ناچارلار ياكى بۇ دورىنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلماقچى بولغانلار دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىشى كېرەك.

بەلغەم دورىسىنىڭ ئاشقازان ۋە ئۈچەيگە بولغان تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، تاماقتىن كېيىن دورا يېيىش كېرەك، بىراق دورىنىڭ مىقدارىنى خالىغانچە كۆپەيتىشكە ياكى ئازايتىشقا بولمايدۇ، ياللۇغ توختىغاندىن كېيىن يېيىشنى دەرھال توختىتىش كېرەك، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، بەزى مۇرەككەپ يۆتەل توختىتىپ، بەلغەم دورىلىرىنىڭ نامى ئوخشىمايدۇ، شۇڭا چوقۇم چۈشەندۈرۈشىنى ياخشى ئوقۇش كېرەك.

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق