باش بەت>>ساغلاملىق
قىشتا تاتلىق ياڭيۇنى خالىغانچە يىيىشكە بولمايدۇ
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-15 15:40:42

 

1.ئوتتا قاقلاپ پىشۇرغان تاتلىق ياڭيۇنىڭ پوستىنى قوشۇپ يىيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدە بىئولوگىيەلىك ئىشقار بار بولۇپ كۆپ ئىستىمال قىلغاندا ئاشقازاننى بىئارام قىلىدۇ.

2.تاتلىق ياڭيۇنى چۈشتە يىسە ئەڭ مۇۋاپىق. تاتلىق ياڭيۇ تەركىبىدىكى كالتىسى ئادەم بەدىنىدە 5~4سائەتكىچە ئاران ھەزىم بولىدىغان بولغاچقا، چۈشتە يىگەن تاتلىق ياڭيۇ كەچلىك تاماققىچە پۈتۈنلەي ھەزىم قىلىنىپ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كەچلىك تاماقنىڭ تەركىبىدىكى كالتىسىنىڭ سۈمۈرۈلىشىگە توسقۇنلۇق قىلمايدۇ.

3.ئاچ قورساق تاتلىق ياڭيۇ يىيىشكە بولمايدۇ. ئاچ قورساق تاتلىق ياڭيۇ يىگەندە مەيدىنى ئىچىشتۇرىدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ.

4.كۆپ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ. بىر كۈندە ئىككى ياكى ئۈچتىن ئارتۇق ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ.

5.تاتلىق يىمەكلىكلەر بىلەن بىرلىكتە ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ. تاتلىق ياڭيۇنى باشقا تاتلىق يىمەكلىكلەر بىلەن قوشۇپ يىگەندە ئەكىس ئېقىم خروماتوگىرافيىسى كىلىپ چىقىش ئىھتىمالى بىر ھەسسە ئېشىپ كىتىدۇ.

6.دىئابىت كىسىلى بار ۋە ئىچى سۈرۈپ قالغانلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كەلمەيدۇ. يەنە ئاشقازان كىسىلى بارلار كۆپ يىگەندە ئاشقازان كۆپۈش قاتارلىق ھادىسىلەر كىلىپ چىقىدۇ.

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق