باش بەت>>ساغلاملىق
ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىشىنىڭ پايدىسمۇ، زىينىمۇ بار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-15 17:41:11

 

ئاياللار پاشىنىسىى ئوتتۇرا ھال بولغان ئاياغ كىيىسە،كۆكرىكى كۆتۈرۈلگەن، بېلى تۈز بىر خىل بەدەن قىياپىتى شەكىللىنىپ، روھلۇق، تېتىك كۆرۈنۈپ، پىشىپ يېتىلىگەن ئايالىلىق جەزبىدارلىقىنى تېخمۇ نامايان قىلالايدۇ. فىزىيولوگىيەلىك نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتىقاندا، تاپان كۆتۈرۈلگەندە بەلىنىڭ ئالدىغا چىقىش دەرىجىسىى ئاشىدۇ. پۇتتىن يۇقىرىغا يەتكۈزۈلىدىغان ھەرىكەت يۆنلىشىمۇ ئۆزگىرىدۇ. بۇنداق بولغاندا، يول يۈرگەندە ياكى سەكرىگەندە، مېڭىدە پەيدا بولىدىغان سىلىكىنىش بوففېرلىنىپ، ئادەم بەدىنىگە بەلگىلىك دەرىجىدە پايدىلىق رول ئوينايدۇ. ۋاھالەنكى، ھازىرقى دەۋرىدىكى ئېگىز پاشىنلىق ئاياغ دولقۇنىدا ئاياغنىڭ پاشنىسىى بارغانسېرى ئېگىزلەپ، ئادەم بەدەىنىنىىڭ ئېغىرلىق مەركىزى تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىپ، ئېغىرلىق نۇقتسىى تاپاندىن ئالدىغا يۆتلىپ، ئومۇرتقا، بوغۇم، مۇسكۇل ۋە تارىمۇش ئورنى بىلەن چىڭ-بوشلۇق دەرىجىسىمۇ مۇناسىپ ئۆزگەرگەچكە، ئۇزاق مەزگىل يېتىلىش ئارقىلىق پىشىپ يېتىلىگەن پۇت قىسىمىنىڭ ۋە ئومۇرتقا فىزىئولوگىيەلىك مۇقمىلىقى بۇزۇلۇشقا سەۋەب بولۇپ، بەل تېلىپ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ 20 ياشتىن تۆۋەن قىزلار ئۇزاق مەزگىل ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كيىسە، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ۋە داس سۆڭكىنىڭ غەيرىي شەكلىدە يېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 50 ياشىتىن .ئاشقان ئوتتۇرا ياش، ياشانغان ئاياللارنىڭ يۈرەك قان تومۇرى مۇسكۇل سۆڭەكلىرى ئاللىقاچان قېرىغانلىقىتىن، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىسە، پۇت مۇسكۇلى جىددىي ھالەتتە تۇرۇپ. بەل قىسمىنىڭ چارچىشى كۈچىيىدۇ. يەنە ئاسانلا سۆڭەك سۇنۇش ۋە سەكتە كېلىپ چىقىدۇ. ئاياغنىڭ پاشنىسىى قانچە ئېگىز بولغانسېرى، شۇنچە ئاسان دوك بولۇپ قېلىش مۇمكىنىچىلىكى كۆپىيىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاياغ كىيىشىتە ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراش رولىنى ئويلاش كېرەك. ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە مودا قوغلىشىشىقا بولمايدۇ.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق