باش بەت>>ساغلاملىق
ئەگەر سىزدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلسە ...
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-26 15:56:42

 

نۇسرەتگۈل ئۆمەر

1. پۇت – قوللار ئۇيۇشۇش، سانجىپ ئاغرىش، باش قېيىش، روھى ھالىتى قالايمىقانلىشىش، تىلى كالۋالىشىش ۋە سۆزى قالايمىقانلىشىش.

يۈز قىسمىدا ياكى بەدەننىڭ بىر يان تەرىپىدە يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بۇ ئېھتىمال شامالدارىش (سەكتە) نىڭ ئالامىتى بولۇشى ھەم چوڭ مېڭىنى قان ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەيدىغان ئارتېرىيە قان تومۇرى توسۇلغان ياكى يېرىلغانلىقنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر چوڭ مېڭە ئارتېرىيە قان تومۇرىدىن مەسىلە چىقسا، چوڭ مېڭىنىڭ ناھايىتى چوڭ بىر قىسمى تەسىرگە ئۇچراپ يېرىم بەدەن پالەچلىنىدۇ، سۆزلەشتىنمۇ قالىدۇ. ئەگەر كىچىك قان تومۇرلاردىن مەسىلە چىقسا پۇت – قول ئۇيۇشۇش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك، قان نوكچىسى پەيدا بولۇپ ئۈچ سائەت ئىچىدە داۋالاش ئېلىپ بارسا، ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

2 . مەيدىسى ئاغرىش ياكى ئارامسىزلىنىش، بېلەك، ئاستى – ئۈستى تاڭلاي، بويۇنلار ئاغرىش، تۇيۇقسىز سوغۇق تەرلەش، قاتتىق ماغدۇرسىزلىنىش، كۆڭلى ئاينىش، ياندۇرۇش، باش قېيىش ۋە نەپەس يېتىشمەسلىك.

ئادەتتە يۈرەك كېسىلى قوزغالغاندا مۇشۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بەزى ئاغرىقلاردا يەنە ئاغرىقسىز يۈرەك كېسىلىمۇ كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى تۇيۇقسىز باش قايىدۇ، يۈرەك سوقۇشى جىددىيلىشىدۇ، كۆڭۈل ئاينىيدۇ، ياندۇرىدۇ ۋە سوغۇق تەرلەيدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

3 . پاقالچاق سىرقىراپ ئاغرىش، مەيدە ئاغرىش، نەپەس قىسىلىش ۋە قان تۈكۈرۈش.

بۇ پۇت قىسمىدا قان نۆكچىسى پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتكەن ۋە ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئۇزاق ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانلاردىمۇ ناھايىتى ئاسانلا مۇشۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. يېتىش ياكى ئولتۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇپ كەتسە، بىر قىسىم قانلار پۇتتا تىنىپ قېلىپ قان نوكچىسى پەيدا بولۇپ، پاقالچەك ئىششىيدۇ، بۇ چاغدا ئەگەر تۇيۇقسىز مەيدە ئاغرىش ياكى نەپەس يېتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، بۇ قان نۆكچىلىرىنىڭ پۇت قىسمىدىن ئايرىلىپ قان ئارقىلىق ئۆپكىگە بېرىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ ئەھۋال ناھايىتى خەتەرلىك بولۇپ، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. 

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق