باش بەت>>ساغلاملىق
ئەتىگەندە تۇخۇم يىيىشنىڭ 7 خىل پايدىسى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-27 16:26:29

 

1.تۇخۇم قورساقنى ئاسان ئاچۇرمايدۇ. بولكا، ھورنانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ قورساقتا تۇرىدۇ. تەركىبىدىكى ئاقسىل ۋە ماي ئېنىرگىيە تولۇقلاپ قورساقنىڭ ئېچىپ كېتىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرىدۇ.

2. تۇخۇم ئورۇقلاشقا پايدىلىق. تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشچە، ئەتىگىنى تۇخۇم يەپ بەرگەن كىشىلەر قاتلىما يىگەن كىشىلەرگە قارىغاندا ئاسان ئورۇقلايدىكەن.

3. تۇخۇمدا ئاقسىل ئەڭ كۆپ. تۇخۇمنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىلدا ئادەم بەدىنى كېرەكلىك بولغان ئامىنو كىسلاتاسى بار بولۇپ، بۇ ئەڭ مۇكەممەل ئاقسىل ھېسابلىنىدۇ.

4. تۇخۇمنىڭ باھاسى ئەرزان قىممىتى يۇقىرى. تۇخۇم باشقا ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى بولغان باكون، كالا گۆشى قاتارلىق باھاسى يۇقىرى يېمەكلىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى.

5. بىر تال تۇخۇم ھەرگىز بەدەندىكى خولېستېرىننى يۇقىرلىتىۋەتمەيدۇ. تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە ھەقىقەتەنمۇ مەلۇم مىقداردىكى خولىستېرىن بار، بىراق تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە خولىستېرىننى تۆۋەنلىتىدىغان ئامىل بار. پەقەت تۇخۇمنىڭ سانىنى كونتىرول قىلغاندا (كۈندە بىرتالدىن ئارتۇق بولماسلىقى كېرەك)، يۈرەك كېسىلى بولۇپ قېلىش خەۋىپىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

6. تۇخۇم مېڭىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق. تۇخۇمنىڭ سېرىقىدا مول مىقتاردا خولىن بار بولۇپ، بۇ چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خولىن ئادەمنىڭ ئىنكاسىنى تېزلىتىپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدۇ.

7. تۇخۇم كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسرايدۇ. تۇخۇم سېرىقىدا ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا بولۇپ، كىسانتوفىل ۋە كۆممۆقوناق فلاۋىن كۆزنى ئولترا بىنەپشە نۇرنىڭ زىيىنىدىن ساقلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ياشانغانلارنىڭ كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش، دۇغلىشىش خەۋىپىنى ئازايتىدۇ.

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق