باش بەت>>ساغلاملىق
بەختسىز تويلىشىش ئاسانلا يۈرەكنى زەخىملەندۈرىدىكەن
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-12-04 18:14:40

 

 

ئەنگلىيەدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، تويلىشىشتا بەختسىز كىشىلەرنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن.

تەتقىقاتچىلار 281 نەپەر ھەمراھى بار ساغلام ئوتتۇرا ياشلىقلارغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تۆت كۈنلۈك تەتقىقاتتا ھەر سائەتتە ئۇلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەتكە قارىتا «ئاكتىپ» ياكى «پاسسىپ»ئەھۋاللارنى خاتىرىلەپ ماڭغان ھەم تويلىشىشتا بەختلىك كىشىلەرگە قارىغاندا، تويلىشىشتا بەختسىز كىشىلەرنىڭ يۈرەك كېسىلى ياكى سەكتە بولۇپ قېلىش خەۋپىنىڭ %8.5 يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

تەتقىقاتچىلار يەنە «داۋالاش ساغلاملىقنى ساقلاش ئورۇنلىرى تويلىشىش مۇناسىۋىتىنى باھالاش ئوبيېكتى قاتارىغا كىرگۈزۈشى كېرەك، چۈنكى تويلىشىش مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى – يامان بولۇشى كىشىلەر ساغلاملىقىنى باھالاشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى» دەپ ئەسكەرتكەن.

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق