باش بەت>>ساغلاملىق
ھەر كۈنى بىر پارچە پۇرچاق ئۇيۇتمىسى يەڭ
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-12-09 17:52:06

 

«جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى»دە، ھەر كۈنى دادۇرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. بىراق نۇرغۇن كىشىلەر دادۇر بىلەن باشقا پۇرچاق تۈرلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ. دادۇر دائىم ئۇچرايدىغان سېرىق پۇرچاق، قارا پۇرچاق، كۆك پۇرچاق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ياپىلاق پۇرچاق، يېشىل پۇرچاق، سەي پۇرچاق قاتارلىقلارمۇ پۇرچاق تۈرىگە تەۋە بولىدۇ.

ئوزۇقلۇق قىممىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دادۇر تۈرى بىلەن باشقا پۇرچاق تۈرلىرىدىكى ئاقسىلنىڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.سېرىق پۇرچاق، كۆك پۇرچاق ۋە قارا پۇرچاقتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ تۈرلۈك پۇرچاقنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ ھەر 100 گىرام ئىچىدىكى مىقدارى ئادەتتە %35 ئەتراپىدا بولىدۇ. دادۇر ئاقسىلىدىكى ئادەم تېنىگە ئېھىياجلىق بارلىق ئامونو كىسلاتاسى مۇكەممەل ئاقسىلغا تەۋە بولۇپ، بۇ دەل بىز دائىم تىلغا ئالىدىغان ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ھېساپلىندىغان بولغاچقا، ئادەم تېنى ئۇنى ئاسان قوبۇل قىلالايدۇ. بىراق 100 گىرام ياپىلاق پۇرچاق تەركىبىدىكى ئاقسىل 25.3 گىرام، يېشىل پۇرچاق تەركىبىدىكى ئاقسىل 21.6 گىرام، باقىلە پۇرچاق تەركىبىدىكى ئاقسىل 20.3 گىرام، سەي پۇرچاق تەركىبىدىكى ئاقسىل 21.4 گىرام بولۇپ، باشقا پۇرچاق تۈرىدىكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئاقسىل خېلى ئاز. شۇڭا كىشلەر ھەر كۈنى بىر پارچە پۇرچاق ئۇيۇتمىسى يەپ بېرىشى كېرەك. ئەگەر پۇرچاق ئۇيۇتمىسى يېيىشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلار پۇرچاق سۈتى، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قېتىقى، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قېقى يېسىمۇ بولىدۇ.

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق