باش بەت>>ساغلاملىق
قۇلاق ئاغرىقىنى داۋالاش رېتسىپلىرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-12-10 08:40:11

 

1.ئاچچىق ئانار سۈيىنى ھەسل بىلەن قاينىتىپ قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاق جاراھەتلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. كۆك رەيھاننىڭ سىقىلغان سۈيىنى قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاق ئاغرىقىنى يوقىتىدۇ.

3. بالىلار ياكى چوڭلارنىڭ قۇلىقىدىن يىرىڭ ياكى سۇ ئاقىدىغان بولۇپ قالسا، قوينىڭ پاچىقىنى ئوتتا قىززىتىپ، تۇيىقىنى چىقىرىپ، تۇيىقىدىن چىققان ھورنى قۇلاققا تۇتۇپ ھورداپ بەرسە، ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

4. تۇرۇپنىڭ ئىچىنى ئۇيۇپ ئېلىۋېتىپ، گۈل يېغى قۇيۇپ، ئوتتا قويۇپ قاينىغاندا ئېلىپ، ئىلمان ھالدا قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

5. پىيازنىڭ ئىلمان سۈيىنى قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاق ئېغىرلىقى، قۇلاق ئاغرىقى، قۇلاققا گۆش ئۈنۈپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ. پىيازنىڭ سۈيىدىن پاختىغا تېمىتىپ قۇلاققا تىقىپ قويسا، قۇلاق غوڭۇلداش ۋە قۇلاق ئېغىرلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

6. ئەگەر قۇلاققا ھەرخىل قۇرتلار كىرىپ كەتكەندە، كۈدىنى سىقىپ سۈيىنى مۇۋاپىق مىقداردا تېمىتىپ بەرسە، قۇرتلارنى چىقىرىپ تاشلايدۇ.

7. چامغۇر سۈيىگە ھەسەل ياكى بادام يېغىنى قوشۇپ ئىلمان ھالدا قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، قۇلاق ياللۇغى ۋە قۇلاق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق