باش بەت>>ساغلاملىق
ھەسەل بوۋاقلاردىكى قەۋزىيەتنى تۈگىتىدۇ، دېگەن قاراش خاتا
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-12-21 16:07:56

 

 

(1 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا ھەسەل بېرىشكە بولمايدۇ)

بالىلارنىڭ قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشىنىڭ كۆپ خىل سەۋەبلىرى بولىدۇ، بەزىلىرى ئۈچەي قۇرغاقلىشىشىدىن، يەنە بەزىلىرى مۇھىتنىڭ قۇرغاقلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار ئاۋۋال سەۋەبىنى ئېنىقلىشى كېرەك. دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى، ھەسەل تەركىبىدە بىر خىل بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيىسى ھاسىل قىلغۇچى زەھەر بار بولۇپ،بۇ خىل زەھەر بالىلارغا ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ، بولۇپمۇ1 ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلارغا دىققەت قىلىش كېرەك.

بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئادەتتە1 ياشتىن ئىلگىرى ھەسەل بەرمەسلىك، 3ياشتىن كېيىن ئېھتىيات قىلىپ ئەھۋالىغا قاراپ بېرىشلازىم. بالىلارنىڭ ھەسەل ئېچىشكە ماس كېلىدىغان مەزگىلى 3ياشتىن كېيىن بولىدۇ. ھەسەل تەركىبىدە ئۆسۈملۈك ھورمون بار بولۇپ، ئەگەر بالىلار ئۇزۇن مەزگىل ئىستېمال قىلسا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

بالىلاردىكى قەۋزىيەت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، موتەخەسىسلەرنىڭ كۆرسەتمىسى ئۈچ ياشتىن يۇقىرى بالىلار ئاز مىقداردا ھەسەل سۈيى ئىچسە بولىدۇ، لېكىن ھەسەل قەۋزىيەتنى ساقايتىدۇ، دەپ داۋاملىق ھەسەل سۈيىگە تايىنىۋالماسلىق، بالىلارغا توغرا بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈش، يېمەكلىكلەرنى تەڭشەش كېرەك. ئاتا-ئانىلارغا ئادەتتە بالىلىرىغا كۆپرەك قارا ئاشلىق، كۆكتات، مېۋە-چىۋە قاتارلىق تەركىبىدە سېلىلۇزا بولغان يېمەكلىكلەرنى بېرىش، تاماق تاللاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېگۈزمەسلىك، سۇنى كۆپرەك ئىچكۈزۈپ بېرىپ، ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈش، بالىلارنىڭ سىرتقى مۇھىت بىلەن بولغان ھەرىكەت ۋاقتىنى ئۇزارتىش، ئاشقازان، ئۈچەي خىزمىتىنى ياخشىلاش لازىم.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق