باش بەت>>ساغلاملىق
قىش پەسلى بەدەنگە سۇ تولۇقلاشقا سەل قارىماڭ
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2015-02-20 17:46:49

 

 

 

يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرى تەر كۇپلەپ چىقىپ تۇرغاچقا، بەدەنگە سۇ تولۇقلاپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بىراق قىش پەسلىدە ئادەم ئاز تەرلەيدۇ، شۇڭا كىشىلەر قىش پەسلىدە بەدەنگە سۇ تولۇقلاشقا سەل قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە، قىشتا ئوخشاشلا بەدەندىكى سۇيۇقلۇق ئايلىنىپ تۇرۇش جەريانىدا، بىر قىسمى يەنىلا پارغا ئايلىنىپ خورايدۇ، بۇنىڭدا قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ بەدىنىدىن كۈنىگە خورايدىغان سۇ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 600 مىللىلىتىرغا يېتىدۇ، ئادەم نەپەسلەنگەندە خورايدىغان سۇ قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ھەر كۈنى تەخمىنەن 500 مىللىلىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ؛ ھەر كۈنى چوڭ – كىچىك تەرەت ئارقىلىق خورايدىغان سۇ قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2500 مىللىلىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئادەم ھەر كۈنى يېمەكلىكلەردىن 1000 مىللىلىتىر، ئاقسىل، قەنت، ماي قاتارلىقلاردىن ئاران 300 مىللىلىتىر سۇغا ئېرىشەلەيدۇ. قالغان 1200 مىللىلىتىر سۇنى سۇ ئىچىش ئارقىلىقلا تولۇقلىيالايدۇ. قىش پەسلى كىلىمات قۇرغاق، ھاۋانىڭ نەملىك دەرىجىسى تۆۋەن ھەم دائىم شامال چىقىپ تۇرغاچقا، كىشىلەر تېرىلىرى تارتىشىۋاتقاندەك، مۇسكۇللىرى بوشىشىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ، بۇ بەدەندە سۇ كەملىكنىڭ ئالامەتلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە بەدەندىكى سۇنىڭ %5ى خورىغاندا، سۇ تولۇقلاش مۇھىم، ئۇنداق قىلمىغاندا، تېرە قۇرغاقلىشىپ تارتىشىدۇ.

قىش پەسلى ئىشىك – دېرىزىلەر ئاز ئېچىلىدىغان بولغاچقا، ئۆي ئىچىدىكى ھاۋادا ئوكسىگېن كېمىيىدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا باش قېيىپ، مېڭە چىڭقىلىدۇ، يۈرەك، ئۆپكە كېسىلى بارلار نەپەسلىنىشتە قىينىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا كۆپرەك سۇ ئىچىپ بەرگەندە، ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىش نورماللىشىدۇ، نەپەس راۋانلىشىدۇ.

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق