باش بەت>>ساغلاملىق
ئولتۇرۇش ھالىتى ۋە كەيپىيات
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2015-02-20 17:50:06

 

 

    

 يېڭى تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر ئادەمنىڭ كەيپىياتى ئۇنىڭ ئولتۇرۇش ھالىتىگە تەسىر كۆرسەتكەندەك، ئولتۇرۇش ھالىتىمۇ ئۇنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. تەتقىقاتچىلار تەجرىبىنىڭ مەقسىتىنى ھېچكىمگە ئۇقتۇرماي بىر خىل تەجرىبە ئېلىپ بارغان، يەنى تەجرىبە ئوبيېكتلىرىنى تەلەپ بويىچە ئۆزلىرىنى خىزمەت ئىزدەۋاتقان ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلىشىپ، بەش مىنۇت ئەتراپىدا ئۆز – ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە، راۋرۇس ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى ۋە ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ، تەپەككۇرى جانلىق بولغان، ئىجابىي سۆزلەرنى كۆپ ئىشلەتكەن. ئولتۇرۇشى دۇرۇس بولمىغان كىشىلەردە ھودۇقۇش، ئەنسىرەش، جىددىيلىك، جىمىغۇرلۇق، قاتماللىق، پاسسىپلىق، قاشاڭلىق، ئۇيقۇسىزلىق، ھۇرۇنلۇق ۋە ئېھتىياتچانلىق ھالەتلىرى گەۋدىلەنگەن. تەتقىقاتچىلار بۇنى مۇسكۇل ھالىتىنىڭ ھورمۇن ۋە نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنىڭ، ئاندىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ كۆرسەتكەن.

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق