باش بەت>>ساغلاملىق
ئوخشىمىغان ياشتىكى خانىم-قىزلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ۋە گۈزەللىك
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2015-02-20 17:51:41

 

 
 

زورىگۈل ئىسلام

يېمەكلىكتىكى ئاقسىل، ياغ كىسلاتاسى، قەنت، مىنېرال ماددا، مىكرو ئېلېمېنت، سۇ، سېلليولوزىلار ساغلاملىق ۋە چىراي گۈزەللىكىگە كېرەكلىك مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددىلاردۇر. بۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسى يەنىلا ئوزۇقلۇقتۇر، شۇڭا ئوخشىمىغان ياشتىكى خانىم–قىزلار ئوخشاش بولمىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ساغلاملىقى ۋە چىراينى گۈزەللەشتۈرۈشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدۇ.

15–25 ياشتىكىلەر: بۇ مەزگىل خانىم – قىزلارنىڭ ھەيز كۈچەيگەن، كۆپىيىش ئەزالىرى يېتىلگەن دەۋرى بولۇپ، ياغ بېزى ئاجرالمىلىرى كۆپىيىدۇ. بۇ مەزگىلدە تېرىنى پارقىراق، مەڭزنى قىزىل، ئېلاستىك قىلىش ئۈچۈن ئاقسىل، ياغ كىسلاتاسى ۋە كۆپ خىل ۋىتامىنلارنى تولۇقلاپ تۇرۇش كېرەك. يېسسىۋېلەك، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، قارا گۆش، ماش تۈرىدىكىلەر ياخشى يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، سۇنى كۆپرەك ئىچىش كېرەك. بۇ تېرە قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، سۈيدۈك مىقدارىنى كۆپەيتىپ، ياغ مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۈزگە دانىخورەك چىقىشنى ئازايتىدۇ.

25–30 ياشتىكىلەر: بۇ مەزگىلدە خانىم – قىزلارنىڭ پېشانە ۋە ماڭلايلىرىغا قورۇق چۈشۈشكە باشلايدۇ، تېرە ئاستىدىكى ياغ بەزلىرى ئاجرالمىلىرىنىڭ مىقدارى ئازىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تېرىنىڭ پارقىراقلىقى ئاجىزلاپ، يېرىكلىشىشكە باشلايدۇ، شۇڭا، ئوزۇقلىنىشتا، تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، سۇنى كۆپرەك ئىچىشتەك ياخشى ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۇش، تەركىبىدە ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن B مول يېمەكلىكلەر، مەسىلەن: چۇپۇرشاڭ، سەۋزە، شوخلا، تەرخەمەك، باقىلە، قېرىنقۇلاق، سۈت قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.

30–40 ياشتىكىلەر: بۇ مەزگىلدىكى ئاياللارنىڭ ئىچكى ئاجراتما ۋە تۇخۇمدان ئىقتىدارى بارغانسېرى چېكىنىپ، تېرە ئاسانلا قۇرغاقلىشىدۇ، كۆز قۇيرۇقىدا بېلىق قۇيرۇقسىمان قورۇقلار پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. ئېڭەك مۇسكۇللىرى بوشىشىدۇ، كۆز قۇيرۇقىدا پەيدا بولىدىغان قورۇقلار تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. بۇ ئالامەتلەر بەدەندە سۇ ۋە ۋىتامىنلارنىڭ كەملىكىدىن بولىدۇ. شۇڭا، يېمەك – ئىچمەك جەھەتتە تەركىبىدە ۋىتامىن مول كۆكتات، مېۋە – چىۋىلەرنى ئىستېمال قىلىش ھەم بېلىق، ئورۇق گۆش قاتارلىق تەركىبىدە كوللاگېنلىق ئاقسىل كۆپ بولغان ھايۋانات ئاقسىلىنى تولۇقلاپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش، شۇنداقلا ئەتىگەندە بىر ئىستاكان سۇۋۇتۇلغان قايناق سۇ ئېچىپ بېرىش كېرەك.

40–50 ياشتىكىلەر: بۇ مەزگىلدە ئاياللار ھەيز كېسىلىش دەۋرىگە كىرىدۇ، تۇخۇمداننىڭ ئىقتىدارى چېكىنىپ، ھىپوفىز ئالدى ياپراقچىسىنىڭ ئىقتىدارى نېرۋىلارنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئاسانلا ھاياجانلىنىش ياكى مەيۈسلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆز قاپىقى ئەتراپىدا ئاسانلا قارا داغ ھاسىل بولىدۇ ھەم تېرە قۇرغاقلىشىدۇ. شۇڭا يېمەك – ئىچمەكتە، خولېستېرىننىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، قان تولۇقلايدىغان، يۈز تېرىسىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدىغان يېمەكلىكلەردىن تاتلىق بەرەڭگى، دۈمبەمەدەك، لىمون، ياڭاق ۋە تەركىبىدە ۋىتامىن E مول بولغان كۆكقات، چېچەكسەي، يەر ياڭىقى (خاسىڭ) قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىش كېرەك.

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق