باش بەت>>ساغلاملىق
ئورۇقلاشنىڭ ئاچقۇچلۇق ۋاقتى ـــ تاماقتىن كېيىنكى 30 مىنۇت
مەنبەسى:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2015-02-20 17:55:52

 

 

    ئورۇقلاش بەدەندىكى ماينى ئازايتىشتۇر، ماينى ئازايتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق ۋاقتى تاماقتىن كېيىنكى 30 مىنۇتتۇر. چۈنكى، ئىنچىكە ئۈچەي تاماقتىن كېيىنكى 30 مىنۇتتىن باشلاپ سۈمۈرۈشكە باشلايدۇ. ھالبۇكى، قان شېكىرىنىڭ ئۆرلەش ۋاقتى تەخمىنەن ئىنچىكە ئۈچەي سۈمۈرۈشنى باشلىغاندىن كېيىنكى 30 مىنۇتتىن باشلىنىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەدەننى مەقسەتلىك ھالدا ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن:

    1. ھويلا-ئارام ياكى بالىكوننى رەتلەش.

    ئەگەر ھويلا-ئارىمىڭىز بولسا، تاماقتىن كېيىن ئۇنى رەتلەش ناھايىتى ياخشى تاللاشتۇر. ئەگەر ھويلا-ئارىمىڭىز بولمىسا، بىر گۈللۈك بالكون ياساپ، ئۇنى رەتلەستىكى قۇلايلىقتىن پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق بەدەندىكى ماينى ئازايتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيسىز.

    2. ئۆي سۈپۈرۈش.

    ئۆي سۈپۈرۈش بولسا بىر تۈرلۈك ئىنتايىن يەڭگىلى جىسمانىي ئەمگەك. شۇڭا، ئورۇقلاش نىيىتىڭىز بولسا، تاماقتىن كېيىن ئۆي سۈپۈرۈشنى ئادەت قىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.

    3. يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن مۇنچىنى تازىلاش.

    كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن 30 مىنۇت ئارام ئېلىۋىلىپ، ئوبدان بىر يۇيۇنۇڭ، ئەگەر بۇنىڭغا مۇنچا تازىلاشنى قوشسىڭىز، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

    4. يېمەك-ئىچمىكىڭىزنى ياخشىلاشنى ئاددىيدىن باشلاڭ. قەنتلىك ئىچىملىكنى ئاز ئىچىڭ. قەنتلىك ئىچىملىكنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ئويلىغىنىڭىزدىن كۆپ ئارتۇق. 300 مىللىلىتىرلىق ئىچىملىكنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى 150 كالورىيە بولۇپ، يېرىم قاچا تاماقنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق