باش بەت>>ساغلاملىق
بالدۇر ياكى كېچىكىپ تۇغۇلۇش بالىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ
مەنبەسى:پايدىلىنىش خەۋىرى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2015-02-21 15:33:57

 

 

    بەزى كىشىلەر: بالا بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغاندىن كېچىكىپ تۇغۇلغىنى ياخشى. بالا كېچىكىپ تۇغۇلسا، ئوزۇقلۇقنى كۆپ قوبۇل قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن بالا بالدۇر ياكى كېچىكىپ تۇغۇلسا، ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. يېقىندا گوللاندىيەنىڭ بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كېچىكىپ تۇغۇلغان بالىنىڭ جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە بالدۇر گىرىپتار بولىدىغانلىقى بايقالغان.

    ئادەتتە ساغلام بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇشىغا 40 ھەپتە ۋاقىت كېتىدىكەن، 37 ھەپتىدىن 42 ھەپتىگىچە بولغان ئارىلىقتا تۇغۇلغان بالا ئاي-كۈنى توشۇپ تۇغۇلغان بالا ھېسابلىنىدىكەن. كېچىكىپ تۇغۇلغان بالىدا، چوڭ مېڭە ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن. ئاي-كۈنى توشقاندا، زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ بالىنى بالدۇر تۇغدۇرۇۋېلىش بالىنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق ئىكەن.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق