باش بەت>>ساغلاملىق
نامسىز بارمىقى ئۇزۇن ئەرلەر ئاياللارغا بەكرەك مۇلايىم بولىدىكەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2015-03-09 09:41:01


 

كانادادىكى يېڭى بىر تەتقىقاتتىن ئايان بولۇشىچە، بېگىز بارمىقى قىسقا، نامسىز بارمىقى ئۇزۇن ئەرلەر، ئاياللارغا بەكرەك  مۇلايىم بولىدىكەن.

كانادا مىكگىل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى خەلقئارا ئىلىمىي ژۇرنال سانىلىدىغان «مىجەز ۋە ئىنىۋىدىۋىدىئال پەرق» ژۇرنىلىنىڭ 3-ئايدىكى سانىدا بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدە بېگىز بارمىقى قىسقا، نامسىز بارمىقى ئۇزۇن بولغان ئەرلەر قىز-ئاياللارغا بەكرەك مۇلايىم بولىدىغانلىقى يېزىلغان.

بۇ تەتقىقات ئەترىتى 78 ئەر ۋە 77 ئايالنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىپ، ئۇلارنىڭ يېقىنقى ئۈچ ھەپتە جەريانىدا كۆرۈشكەن يات جىنىسلارغا بولغاپ پوزىتسىيەسىنى خاتىرىلىگەن ۋە ئەرلەرنىڭ بارمىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا قارىتا سېلىشتۇرما تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، نامسىز بارماقنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1 دەپ پەرەز قىلىنسا، ئۇنداقتا بېگىز بارمىقىنىڭ سېلىشتۇرما قىممىتى كىچىكرەك بولغان ئەرلەر، يەنى نامسىز بارمىقى نىسبەتەن ئۇزۇنراق بولغان ئەرلەر، ئاياللار بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، ئاياللارغا قىلغان ياخشى ئىش ھەرىكىتى %30 كۆپ بولغان، قوپال ھەرىكىتى بولسا %30 ئاز بولغان. بۇ، نامسىز بارمىقى ئۇزۇن ئەرلەر ئاياللارغا مۇلايىم مۇئامىلىدە بولدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

 


بۇ تەتقىقاتچىلار گۇرۇپپىسى چىقارغان يەنە بىر تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، نامسىز بارمىقى ئۇزۇنراق بولغان ئەرلەر كۆپرەك بالىلىق بولغان. تەتقىقات نەتىجىسى يەنە، بېگىز بارمىقى ئۇزۇن ئەرلەرنىڭ بارلىق كىشىلەرگە قىلغان مۇئامىلىسى قوپاللىققا مايىل بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. 

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق